تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قىزىتىۋەتتى

日期:2020年09月19日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىۋاڭ يۈجاۋ، ئۆتكۈر نىجات، جانبۇلات ماناربېك

شوخ سۇناي چېلىندى، قىزغىن ئۇسسۇل ئوينالدى، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش دۇمبىقى چېلىندى، يۇمۇرىستىك، قىزىقچى «ئەپەندى» ۋە شەھەر ئاھالىلىرى تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ، يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ كۈتۈۋالدى...

9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىر مەيدان داغدۇغىلىق قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى.

كوچىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى سامسىخانا، ياغاچ ئويمىچىلىق دۇكىنى، دوپپا دۇكىنى، چايخانا، ھەمدە ئالاھىدە مەھسۇلات ۋە خاس قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان «بازار»لار ئەتىگەندىلا ئېچىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. قەدىمىي شەھەرنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى سامسىخانىنىڭ ئالدىدا خېرىدارلار ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ كەتكەنىدى. «دۇكانغا كىرىدىغان خېرىدارلار ئېقىمى كۆپىيىۋاتىدۇ، 300 - 200 سامسا بىر كۈندە گەپ يوق سېتىلىپ بولىدۇ» دېدى دۇكان لوۋبىنى مەمتىمىن ھېيت.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى دوپپا بازىرىدا، يۈننەن كۇنمىڭدىن كەلگەن سەي خۇايىڭ دوپپا كىيىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. «نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا قەدىمىي شەھەرنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، شىزاڭ ئالىدىكى سەپىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىمىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ بۇ يەرگە كېلىپ، قەشقەرنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇق» دېدى سەي خۇايىڭ.

قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىدىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش - ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىدا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئۆزگەرتىش بىلەن ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىرلەشتۈرۈلدى، 2015 - يىلى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلىپ دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇرۇلدى. قەشقەر كونا شەھەر رايونى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى، شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى تېخىمۇ جانلاندى. ھازىر، قەدىمىي شەھەردە 7000 كىشى بىۋاسىتە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، 40 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى.

«بۇ بىرنەچچە كۈندە، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى تەدرىجىي ئاشتى.» قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىلجان ئابدۇقادىر خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: قەشقەر قەدىمىي شەھىرى دۆلىتىمىزدىكى بىردىنبىر خاسلىققا ئىگە سىرلىق ئوردا شەكلىدىكى شەھەر كوچا رايونى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خام كېسەكتە سېلىنغان ئىمارەت توپى بولۇپ، تېز سۈرئەتتە ياخشىلىنىپ، گۈزەللىشىپ، تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە قەدىمىي شەھەرگە ئايلىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىدىكى «توردا ئالقىشلانغان چوقۇم بارىدىغان جاي»غا ئايلاندى.

قەدىمىي شەھەر 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىشكە جەلپ قىلدى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ساياھەتچى 10 مىڭدىن ئېشىپ، 10 مىڭ 969 ئادەم قېتىمغا يەتتى.

ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، قەدىمىي شەھەردە ئولتۇرىدىغان 5 - ئەۋلاد ياغاچ ئويما ئۇستىسى ھۈسەنجان ھۈسىيىن بۇ كۈنى دۇكاننىڭ ئىشىكىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېچىپ، سۇ سېپىپ، يەرنى سۈپۈرۈپ، دۇكاننىڭ ئالدىدىكى كوچىنى پاكىز تازىلىدى، يەنە يېقىندا پۈتتۈرگەن بىرقانچە ياغاچ ئويما ئەسىرىنى كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغان ئورۇنغا قويدى. «قەدىمىي شەھەردە ھەر كۈنى ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈپ تۇرىدىغان كىشىلەر شۇنچە كۆپ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەر ئىختىيارسىز دۇكىنىمغا قاراپ قالىدۇ، ياخشى كۆرىدىغان ياغاچ ئويمىلار ئۇچراپ قالسا دۇكانغا كىرىپ پاراڭلىشىدۇ، بىۋاسىتە سېتىۋېلىپ ئۈيىگە ئېلىپ كېتىدىغانلارمۇ، مەندىن ياغاچ ئويمىچىلىقنى ئۆگىنىدىغانلارمۇ بار. كېلىدىغان ئادەم بارغانسېرى كۆپەيسە، مېنىڭ ئويمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىم تېخىمۇ كۆپ خىللىشىدۇ» دېدى ھۈسەنجان.

مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، خەلق ناخشىلىرى ياڭرىدى... شۇ كۈنى سائەت 14لەردە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى «گۈلى ئائىلىسى»نىڭ دەرۋازىسى كەڭ ئېچىۋېتىلدى، ئۆزگىچە ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى، مىللىي ئۆرپ - ئادەتنى ھېس قىلىش، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتى نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. «گۈلى ئائىلىسى»نىڭ ئۆي ئىگىسى سالامەتگۈل قارى بىلەن بوۋىسى ئوينىغان بىر پەدە ناخشا - ئۇسسۇل نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىپ، بەس - بەستە يان تېلېفونى، فوتو ئاپپاراتىنى چىقىرىپ، سۈرەتكە تارتىپ، سىنغا ئېلىپ، دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىدى.

بۈگۈنكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ساقلىنىپلا قالماي، يەنە زامانىۋى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بىلەن باشقۇرۇش شەكلى يۇغۇرۇلۇپ، مىللىي ئۆرپ - ئادەت كوچىسى نۇقتىلىق بەرپا قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە بۇ جايدا ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ يۇغۇرۇلغان ھىدىنى ھېس قىلدۇردى.

كەچقۇرۇن، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى تەسىراتلىرى كوچىسىدا سەيلە قىلغاندا، كوچا بويىدىكى ئىمارەتلەر ھەم يەرلىك ئالاھىدىلىكنى، ھەم زامانىۋى گۈزەللىكنى ھېس قىلدۇرىدۇ، رەت - رەت دۇكانلار ساياھەتچىلەرنى شادلاندۇرىدۇ. كوچىدا ماڭغاندا، ھەر ۋاقىت ئۆزى ساز چېلىپ ئۆزى ناخشا ئېيتىدىغان دۇكاندار ناخشىچىلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن، ساياھەتچىلەر يول بويى ناخشا ئاۋازىغا جور بولۇپ، ئىختىيارسىز ئويۇن قويۇش سېپىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ، چاۋاك چېلىپ، تەنتەنە قىلىشىدۇ.

ئادىلجان مۇنداق دېدى: قەدىمىي شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئېچىۋېتىلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش باشلانغاندىن كېيىن، A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئىشىك بېلىتى ھەققى ئالماسلىق، «99 يۈەنگە ئېسىل پۇقراۋى قونالغۇدا قونۇش» قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەر يولغا قويۇلدى، يەنە تورغا چىقىپ ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىدا «قەشقەرنى ساياھەت قىلىش» سىناق قىلىندى، ساياھەتچىلەر توردا مەنزىرە رايونىدىكى ياتاق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىقلارنى زاكاز قىلسا بولىدۇ، يەنە «بۇلۇتتىكى ساياھەت يېتەكچىسى» ۋە ئېسىل لىنىيەلەرنى تەۋسىيە قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتنى ھېس قىلالايدۇ.

«ئىشىنىمەنكى، قەدىمىي شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىكى جەزمەن بارغانسېرى جانلىنىدۇ» دېدى ئادىلجان.