ئاچقۇچلۇق پەيتتە تىرەك بولىمەن

日期:2020年09月19日
来源:天山网
【字体:

ما چياڭ:

ئاچقۇچلۇق پەيتتە تىرەك بولىمەن

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىيۈ شى

گەرچە ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەخت يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جۇڭخۇەن يولى شىمالىي مەھەللىسىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن يېقىندىن بۇيان ما چياڭنىڭ تېلېفونى يەنىلا توختىماي سايرىدى، بۇ تېلېفونلارنى ئۇ ئىلگىرى مۇلازىمەت قىلغان مەھەللىدىكى ياشانغانلار ئۇرغانىدى، «شياۋما، ئىشىڭىز بولمىسا ئۆيگە كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتىڭ» «شياۋما، خىزمەت قىلغاندا ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ»... بۇ ئىللىق سۆزلەر ما چياڭنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى.

7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان 40 نەچچە كۈن ۋاقىت ئىچىدە، ما چياڭ جۇڭخۇەن يولى شىمالىي مەھەللىسىدە پىدائىي بولۇپ مۇلازىمەت قىلدى. ئۇ ھەر كۈنى پەلەمپەيدىن چىقىپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ 500 ئاھالىگە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەردى، مۇلازىمەتتە سەۋرچان، سەمىمىي، ئەستايىدىل بولغاچقا، نۇرغۇن ئاھالىلەر ئۇنى كۆرگەندە باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختىشاتتى.

جۇڭخۇەن يولى شىمالىي مەھەللىسىدە 2000دىن ئارتۇق ئاھالە بار، مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇ ناھايىتى چارچاپ كەتتى. «ھەر كۈنى نەچچە ئون قەۋەت بىناغا چىقىمەن، بىر كۈندە ئەڭ ئاز بولغاندا 30 مىڭ قەدەم ماڭىمەن.» 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ما چياڭ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە ئۆزۈمنىڭ بەرداشلىق بېرەلىشىمگە كۆزۈم يەتمىگەنىدى، ئويلىمىغان يەردىن غەيرەت قىلىۋېدىم داۋاملاشتۇرۇپ كەتتىم.

تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش بىرئاز ئاۋارىچىلىك، يەنە جىسمانىي كۈچنى ناھايىتى خورىتىدۇ. تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ما چياڭ «تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشقا ياردەملىشىش» ۋىيشىن توپى قۇردى. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7دە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 2دە ئاندىن ئۇخلايتتى. ئاھالىلەرنىڭ كۆكتات ۋە دورىلارنى ۋاقتىدا ئېلىشى ئۈچۈن، 40 نەچچە كۈندىن بۇيان، ئۇ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 - 50 قېتىم تېلېفون ئۇراتتى، 60 - 50 قېتىم ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكىنى چېكەتتى، ھەر كۈنى پىرقىرىغۇچتەك ئالدىراش يۈرەتتى. توختىماي مال يۆتكەش ۋە ئاھالىلەر بىلەن مال سېتىۋېلىش تىزىملىكىنى سېلىشتۇرۇش ما چياڭنى ھەر كۈنى چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمدۈرۈۋېتەتتى، ئاۋازىمۇ پۈتۈپ كېتەتتى. مۇداپىئە ئېھتىياجى ئۈچۈن، ما چياڭ ھەرقانچە بىئارام بولسىمۇ مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىۋەتمىدى، ماسكىسى ۋە بۆكىنى ئېلىۋەتمىدى، بەدىنىگە يەنە نۇرغۇن ئەسۋە چىقىپ كەتتى، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پىدائىي بولۇپ مۇلازىمەت قىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى.

«بۇنداق يۇقىرى سىجىللىقتىكى جىسمانىي كۈچ خورىتىشنى ئەزەلدىن باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغانىدىم، ئەمما، يۇقۇم ئالاھىدە مەزگىلىدە، ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ ئەھمىيەتلىك ھېس قىلدىم. ئاچقۇچلۇق پەيتتە تىرەك بولۇشنىڭ ئۆزى ناھايىتى قىممەتلىك.» ما چياڭ مۇنداق دېدى: مەن ھەر قېتىملىق مۇلازىمەتتىن كېيىن، «بۇ يىگىت بولىدىكەن» «جاپا چەكتىڭلار» «سالامەتلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، غەيرىتىم ناھايىتى تولۇپ - تاشقاندەك ھېس قىلدىم.

جۇڭخۇەن يولى شىمالىي مەھەللىسىدە نۇرغۇن يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار بار بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ياشانغانلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ، ۋىيشىن ئىشلىتىشنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. پىدائىي بولۇپ مۇلازىمەت قىلغان مەزگىلدە، «مېھىر - شەپقەت كۆكتاتلىرى» «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش دورىلىرى»نى يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش ماچياڭنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى. فۇ يۈمېي ئىسىملىك يالغۇز تۇرىدىغان بىر ياشانغان كىشى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىشتا ماچياڭنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىدى، بۇنىڭدىن سىرت، ئۆيىدىكى جۈمەك، يېقىلغۇ گاز ئوچىقىنىڭ كىلاپانى بۇزۇلۇپ قېلىش قاتارلىق تۇرمۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندىمۇ ماچياڭ ھەمىشە ئامال قىلىپ بىرىنچى ۋاقىتتا ھەل قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامال - چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ ئىكەن.

«بەزى بوۋاي - مومايلار <ئۆيىدىلا> تۇرغاچقا، كەيپىياتىدا داۋالغۇش كۆرۈلۈشىدىن ساقلانغىلى بولمايتتى، كۆكتات ۋە دورىلارنى تاپشۇرۇۋالغاندا ئۇنى - بۇنى سورايتتى، مەن ئۇلارغا سىلىق گەپلەر بىلەن تەسەللى بەردىم.» ماچياڭنىڭ دېيىشىچە، يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ پىسخىك ھالىتىمۇ ئۇ مۇلازىمەت قىلغان مەزگىلدە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشقا ئايلانغان، چۈنكى ھەربىر ئادەمنىڭ قېرىيدىغان ۋاقتى بولىدۇ، ئۇ ھەربىر ياشانغان كىشىگە ئىشەنچ يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى خاتىرجەم ئۆيدە تۇرۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، شۇنداقلا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئويلىغانىدى. ھازىر، ماچياڭ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى، ھەر كۈنى ناھايىتى ئالدىراش بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا پىدائىي بولۇپ مۇلازىمەت قىلغان مەزگىلدىكى ئادىتىنى ساقلاپ، ئاھالىلەر ۋىيشىن توپىدا كۆپچىلىكتىن ئەھۋال سوراپ، ئاھالىلەرگە شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىشنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، ھەربىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.» ماچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن پۇرسەت بولسىلا، مەن يەنە تېخىمۇ كۆپ پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىمەن.