شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بوراندىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى

日期:2020年09月17日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت تېز خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 17:00دە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بوراندىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىدىن 9-ئاينىڭ 19-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى، 8~7 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىداشامال كۈچى 10 بال بولىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا شەرق قىسمىدا 6~5 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىپ، 8 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قۇم-بوران ياكى چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن.