چاپچال ناھىيەسىدىكى 150 مىڭ مو شال ئورمىنى كۈتۈۋالدى

日期:2020年09月17日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىرىمىز يۈ مىڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋۇ يانەن،جېڭ فېيفېي، ياڭ جياچى فوتوسى، خەۋىرى) ئالتۇن كۈزدە، شالنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىۋە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى 150 مىڭ مو شال ئورمىنى كۈتۈۋالدى.

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، چاپچال ناھىيەسى نەسىللىك قوي فېرمىسى توبۇ مەھەللىسى شال بازىسىدىكى كەڭ كەتكەن ئالتۇن رەڭلىك شال ئېتىزى زېمىنغا بىر قەۋەت رەڭلىك گىلەم سالغاندەك كۆرۈنەتتى، شاللار توق دان تۇتقان بولۇپ، شال غوللىرى كۆتۈرەلمەيلا قالغانىدى. كومبايىنلار شال ئېتىزىدا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ، جىددىي مەشغۇلات قىلىپ، بىر پارچە مول ھوسۇل يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى.

كومبايىن ئىلگىرىلىگەن يۆنىلىش بويىچە شال غوللىرى ئورۇلۇپ، شال باشاقلىرى كومبايىن ساندۇقىغا چۈشتى، شال باشىقى يەنە شاللارغا ئۆزگىرىپ قاچىلاندى، ئاندىن كومبايىن ساندۇقىدىن چىققان دانلار تىراكتورغا قاچىلىنىپ، قۇرۇتۇش مەيدانىغا ئاپىرىلىپ ئاپتاپقا سېلىندى. پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشقان مەشغۇلات ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى.

نەسىللىك قوي فېرمىسى تەۋەلىكى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ يۈجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نەسىللىك قوي فېرمىمىزدا تېرىلغان 42 مىڭ مو شال 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئورۇلۇشقا باشلىدى، 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن ئورۇلۇپ بولۇش مۆلچەرلەنمەكتە. «بۇ يىل نەسىللىك قوي فېرمىمىز ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شالنىڭ بالدۇر پىشىدىغان يېڭى سورتلىرىنى كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنى تىكىشكە يېتەكلىدى.» جاڭ يۈجياڭنىڭ دېيىشىچە، شالنىڭ تۈرلىرى داۋخۇاشياڭ، شىنداۋ 42، شىنداۋ 46، نوڭلىن 315 قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، شالنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇق نىسبىتى %100 ئىكەن، «نەسىللىك قوي فېرمىسى پارتىيە كومىتېتى دېھقانلارنى يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشقا ئاكتىپلىق بىلەن تەشكىللەپ، بىرلەشمە كومبايىندىن 80 ئەتراپىدا تەييارلاپ، دېھقانلارنىڭ شال ئورۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.»

توبۇ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى خې چاڭخۇا ئائىلىسى تېرىغان 95 مو بالدۇر پىشىدىغان شال ئاللىقاچان ئورۇلۇپ بولدى، بۇ يىل شالدىن كاتتا ھوسۇل ئالغان ئۇنىڭ خۇشاللىقتىن ئاغزى يۇمۇلماي قالدى: «بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەن ناداچى نېرۇ يېزىسىدىكى شال پىششىقلاش كارخانىسى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدىم، شۇڭا شالنى سېتىپ چىقىرىشتىن غەم قىلمايمەن» دېدى ئۇ.

خې چاڭخۇانىڭ دېيىشىچە. ئۇ تېرىغان 160 مو شال ئىچىدە بالدۇر پىشىدىغان سورتلۇق شال داۋخۇاشياڭ 95 مو، كەنجى شال 60 مودىن كۆپرەك ئىكەن. نۆۋەتتە 95 مو بالدۇر پىشىدىغان شال ئورۇلۇپ بوپتۇ.

چاپچال ناھىيەسى ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شال كەسپىنى راۋاجلاندۇردى ھەمدە ئەسلىدە بار ئاساستا شالنىڭ يېڭى سورتىنى ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈپ، تەجرىبە ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش، ماشىنىدا مايسا تىكىش، ماشىنىدا ئورۇش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىش ئارقىلىق، شال بىلەن ئۆردەكنى تەڭ بېقىش، شال بىلەن قىسقۇچپاقىنى تەڭ بېقىشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئورگانىك ئوغۇت بېرىش ئارقىلىق شالنىڭ سورتى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى تېخنىكا يېتەكلەش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارغا ۋاقتىدا مايسا يېتىشتۈرۈش، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تەدبىرلەرنى ئۆگەتتى، شۇنداقلا تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ياردەملىشىپ سېتىش يوللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، دېھقانلارنى تېرىقچىلىقتىكى غەمدىن خالاس قىلدى.

چاپچال شىۋە ئاپتونوم ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ مىنشەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل پۈتۈن ناھىيەدىكى 150 مىڭ مو شالنىڭ %70ىدىن كۆپرەكى زاكاز تېرىقچىلىق بولدى. پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدە شال تېرىغان جاي دەل 42 مىڭ مو شال تېرىغان نەسىللىك قوي فېرمىسى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيە 400دىن ئارتۇق شال كومبايىنى تەييارلاپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ شاللارنى جىددىي يىغىپ، ئۆز قەرەلىدە، ئۆز ۋاقتىدا ئورۇپ، ھەربىر داننىڭ ئىسكىلاتقا تولۇق كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلدى، مۆلچەرلىنىشچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە پۈتۈن ناھىيەدىكى شاللارنى ئورۇش ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدىكەن.