ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

日期:2020年09月17日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نامرات ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرى خىزمەت قەرەللىك يىغىنى ئاچتى

ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجاۋ جىيۈن،ئىختىيارىي مۇخبىرگو شياڭخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نامرات ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرى خىزمەت قەرەللىك يىغىنى ئېچىپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا ئىنتىزام نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈچەپ ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋاملىق تۈردە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا نازارەتچىلىك قىلىشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەشنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ زاپاس كۈچىنى ياخشى ساقلاپ، نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ «تۆتنى تاشلىماسلىق» ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچلۈك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كاپالىتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە ئالتە نامرات ناھىيە، شەھەرنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.