زاراڭزا ئېچىلدى قوشنا - قولۇملار بېيىدى

日期:2020年09月17日
来源:天山网
【字体:

شۈ شىنۋېن:

زاراڭزا ئېچىلدى قوشنا - قولۇملار بېيىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

«بۇ يىل، شىركەت بېيجىڭ تۇڭرېنتاڭ (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، شۇ جايدىكى زاراڭزىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.» دېھقانلارنىڭ ئورگانىك يەرنى ئېتىراپتىن ئۆتكۈزۈش، ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇقنى ھەقسىز تارقىتىش، پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش فوندى تەسىس قىلىشىغا ياردەم بېرىش... زاراڭزا كەسپىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئىلى ياچىنا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شۈ شىنۋېننىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

توققۇزتارا ناھىيەسىدىن چىققان شۈ شىنۋېن سىرتتا 17 يىل ئىگىلىك تىكلىگەن. تۆت يىل ئىلگىرى، ئۇ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، چاپچالنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى بولغان زاراڭزا يېغىنى تاسادىپىي تېتىپ قېلىپ، يېڭى سودا پۇرسىتىنى بايقىدى، «مېنىڭچە بۇ خىل ياغ ناھايىتى تەملىك، باھاسىمۇ ناھايىتى ئەرزان ئىكەن».

قىزىقىش بىلەن شۈ شىنۋېن چاپچالغا بېرىپ زاراڭزا كەسپىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، شۇ جايدىكى تاغلىق رايوندا زاراڭزا تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ نامرات ئائىلىلەر ئىكەنلىكىنى، لېكىن شۇ جايدا زاراڭزا كەسىپ زەنجىرىنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىنى بايقىدى. «مەن شۇ ھامان قېپقېلىپ قايتا ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆزۈمگە بىر پۇرسەت بېرىشنى، شۇنداقلا يۇرتداشلارنىڭ زاراڭزا گۈلىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلدىم.» شۈ شىنۋېن دەرھال مەخسۇس زاراڭزا مەھسۇلاتىنى پىششىقلايدىغان بىر شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇردى.

2017 - يىلى 1 - ئايدا، شۈ شىنۋېن شىركەتنى غۇلجا شەھىرىگە 40 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاغىستاي بازىرى جاغىستاي كەنتىگە جايلاشقان زاراڭزا كەسىپ باغچىسىغا كۆچۈرۈپ كەلدى. كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلغان دەسلەپتە، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت زور كۈچ بىلەن سودىگەر چاقىرغان، لېكىن جۇغراپىيەلىك ئورنى چەت - ياقا بولغاچقا، زەيتۇن شېخىنى تاپشۇرۇۋالىدىغان سودىگەرلەر ناھايىتى ئاز بولغان. «ئوقەت قىلغاندا مەسئۇلىيەتچان بولۇش كېرەك. بىز بۇ يەرگە تايىنىپ زاراڭزا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، كۆپرەك شۇ جايدىكىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى شۈ شىنۋېن.

شۇ يىلى چاغاندىن كېيىن، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ، بىر تەرەپتىن ئىشخانا بىناسى سېلىپ، شىركەتنى تېزدىن ئىشقا كىرىشتۈردى. دېھقانلارنىڭ زاراڭزا تېرىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇ ئەترەتتىكىلەرنى باشلاپ ھەربىر تېرىقچىلىق ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ، جاغىستاي بازىرىنىڭ ئىككى كەنتىدىكى 440 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ 12 مىڭ مودىن ئارتۇق ئورگانىك يەرنى ئېتىراپتىن ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە 72 ئائىلە نامرات ئائىلە ئىدى. ئورگانىك يەر ئېتىراپتىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، دېھقانلار ساتقان زاراڭزىنىڭ باھاسى ئۆرلىدى، گەرچە شىركەتنىڭ سېتىۋېلىش تەننەرخى ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق بىۋاسىتە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى، شۇنداقلا جاغىستاي بازىرى زاراڭزىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

2017 - يىلى زاراڭزا سېتىۋالغاندا، شۈ شىنۋېن ئۆچرەتتە تۇرغان كىشىلەر توپى ئىچىدە پاكار بىر ئادەمنىڭ سىيماسىنى كۆرۈپ، سۈرۈشتۈرۈپ ئۇنىڭ ئاقيار كەنتىدىكى تۇرغانباي ئوغۇسباي ئىسىملىك نامرات ئاھالە ئىكەنلىكىنى، ئىككى پۇتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۈ شىنۋېن ئۇنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان زاراڭزا تېرىش، باقمىچىلىق ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن تۇرغانباينىڭ يانچۇقى تومپايدى، ئۆزىمۇ روھلىنىپ قالدى.

شۈ شىنۋېن مۇنداق دېدى: «ئادەم ياشىغان ئىكەن جەمئىيەتتە قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىش دەل مېنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىمنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئەڭ ياخشى كەسىپ، مەن چىن قەلبىم، چىن ھېسسىياتىم بىلەن ياخشى ئىشلەيمەن».