يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدىكى 30568 قەدەم ...

日期:2020年07月21日
来源:人民网
【字体:

«يولۇچى دوستلار ياخشىمۇسىلەر، جاپا چەكتىڭلار، نۆۋەتتە بىزنىڭ خىزمەتچى خادىمىمىز كۆپچىلىكنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ۋە ئۇچۇر تولدۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ماسلاشقىنىڭلارغا رەھمەت...» 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 18:10 ئۆتكەندە، قومۇلدىن يولغا چىققان D8811 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ئاستا-ئاستا ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كىردى. پويىز مۇقىم توختاپ بولغاندا، مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، ماسكا ۋە كۆز ئاسراش كۆزەينىكى تاقىغان جۈ نىڭ ۋاگونغا كىرىپ تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا تۇرۇشلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت ئەترىتىدە جەمئىي 234 خىزمەتچى خادىم بار، جۈ نىڭ شۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ، نۆۋەتچى پويىزلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈش خىزمتىنى ئۈستىگە ئالغان.

  «7-ئاينىڭ 16-كۈنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشتىم، مېنىڭ خوتۇنۇم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى، ئۇمۇ بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى.» دېدى جۈ نىڭ، خوتۇنى خەن جىڭ بىلەن ئۇ چاقماق تېزلىكىدە بۆلۈنۈپ ھەرىكەت قىلدى، خەن جىڭ ئۆيدىكى گۈللەرنى سۇغىرىشقا، يېقىلغۇ گاز ۋە سۇنىڭ كىلاپانلىرىنى ئېتىپ، يۈك-تاقلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىككى بالىسىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويۇشقا مەسئۇل بولدى.

  «ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 100دىن ئارتۇق نۆۋەتچى پويىز يېتىپ كېلىدۇ، تەخمىنەن ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بىر پويىز كېلىدۇ.» دېدى جۈ نىڭ، ئەڭ بالدۇر يېتىپ كەلگەن نۆۋەتچى پويىز 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 08:02 ئۆتكەندە ئاقسۇدىن يولغا چىققان K9711 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز بولۇپ، جۈ نىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ۋاگونغا كىرىپ، ھەر بىر يولۇچىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ۋە ئولتۇراقلىشىش تارىخىغا قارىتا ئۆلچەش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئىدى.

  بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال ۋە تەكشۈرۈشتە بىنورماللىق كۆرۈلمىگەن يولۇچىلار بېكەتكە كىرگەندىن كېيىن خىزمەتچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەرتىپ بويىچە پويىزدىن چۈشۈپ بېكەتتىن چىقىش زالىغا بېرىپ يەنە بىر قېتىم ئۇچۇر تەكشۈرتىدۇ ھەمدە توختاپ قالماي، ئۇچراشمايدىغان ئىنفرا قىزىل نۇر ئارقىلىق تېمپېراتۇرا ئۆلچەتكەندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە بېكەتتىن ئايرىلىدۇ، پۈتكۈل جەريانغا كېتىدىغان ۋاقىت 20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

  بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن جاڭ لىڭ ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە نەۋرىسىنى كۆرگىلى كەلگەن بولۇپ، پويىزدا ئۇنىڭ يان تېلېفونىدا ئۇچۇرنى تەكشۈرگىلى بولماي قالغان ئىدى، جۈ نىڭ ئۇنى مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئېلىپ باردى، ئۇچۇر تىزىملايدىغان خادىملار ئۇنىڭ كىملىكىنى ۋە بېلىتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئىككى مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئىشىنى بېجىرىپ بولدى. «سىلەرنىڭ مۇلازىمىتىڭلار تولىمۇ ئەتراپلىق ئىكەن.» دېدى جاڭ لىڭ باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ.

  بۇ ياقتا ئەمدىلا جاڭ لىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، جۈ نىڭ بىر بوۋاينىڭ ئاستا مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالدىغا بېرىپ ئەھۋال سوراپ، ئۇنىڭ ئۇزاق ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن سەل بىئارام بولغانلىقىنى ئىگىلىدى. ئارقىدىن ئۇ دەرھال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ بوۋاينى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسىغا ئاپىرىپ ئارام ئالدۇردى. خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسىدىكىلەر بۇ بوۋاينىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىدى ھەمدە ئۇنىڭغا قايناق سۇ قويۇپ بەردى، بوۋاي بىرئاز ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدى.

  جۈ نىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەر بىر يولۇچىغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، ناۋادا يول يۈرۈشى جايىدا بولمىغان، سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان كىشىلەر ۋە بالا كۆتۈرۈۋالغان ئاياللارنى كۆرسە ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  پويىزلار ئارقا-ئارقىدىن ۋوگزالغا كىرىپ، تۈركۈم-تۈركۈم يولۇچىلار بۇ جايدىن ئايرىلىدۇ، كېيىنكى پويىزنى كۈتۈۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پويىز جەملىگەن دىنامىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارمۇ ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق ئىشىتابىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا، شۇ كۈنى جەملەنگەن دىنامىكىلىق سانلىق مەلۇمات جەدۋىلى ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ جەدۋەل ئارقىلىق پويىزدىكى يولۇچىلار ئورنى، يېتىپ بېرىش ۋاقتى، مەنزىلى، مۆلچەرلەنگەن ئادەم سانى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېنىق، تېز ئىگىلىيەلەيدۇ.

  سائەت 19:00دا، جۈ نىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئارام ئېلىش رايونىدا ئولتۇرغاندا، يان تېلېفونىنى ئېلىپ چۈشلۈك تاماقنىڭ ئالدىدىكى يېرىم سائەتتىن پايدىلىنىپ خوتۇنى ۋە بالىلىرى بىلەن سىندا كۆرۈشتى. «بوۋا، موماڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭلار، ئۆيدە ئوبدان تۇرۇپ تۇرۇڭلار.» جۈ نىڭ سىندا بالىسىنىڭ يۇمران يۈزىگە قاراپ، بىر كۈنلۈك ھېرىپ چارچاشلىرىنى ئۇنتۇغاندەك بولغانلىقىنى ئېيتتى.

  «يەنە ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتچى پويىز قالدى، سائەت 23:00 ئەتراپىدا كېلىدۇ، بارلىق يولۇچىلارنى ئۇزىتىپ بولغاندىن كېيىن، بىز دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ ئاندىن قايتىپ ئارام ئالىمىز.» جۈ نىڭ شۇنداق دېدى.

  دەم ئېلىۋاتقان چاغدا، دېزىنفېكسىيە تۇڭىنى يۈدۈۋالغان بىر ئەر جۈ نىڭنىڭ كۆزىگە چېلىقتى، ئۇنىڭ ئىسمى جاۋ كەيجى بولۇپ، ئۇ ھەر ئىككى سائەتتە ئون نەچچە كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى دېزىنفېكسىيەلەش تۇڭىنى يۈدۈپ ۋوگزال ئىچىنى بىر قېتىم تولۇق دېزىنفېكسىيە قىلىپ چىقىدۇ، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى يەنە كۆپ قېتىم تەكرار دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ. ھەر قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇداپىئە كىيىمىنىڭ ئىچىدىكى كىيىملىرى تەردىن ھۆل بولۇپ كېتىدۇ.

  شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە قولىغا كاناينى ئېلىپ يولۇچىلارنىڭ بېكەتتىن چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ياڭ بىڭمۇ بار، «يولۇچى دوستلار، يول ماڭغاندا ئېھتىيات قىلىڭلار، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار، ئوڭ قولۇمدا كۆرسەتكەن يۆنىلىشىنى بويلاپ مېڭىپ بېكەتتىن چىقساڭلار بولىدۇ.» بۇ سۆزنى ئۇ ھەر كۈنى نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ قېتىم ۋارقىراپ تەكرارلايدۇ، تاكى گېلى پۈتۈپ قالغۇچە...

  «شۇ كۈنى يېتىپ كەلگەن يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى بېكەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قوماندانلىق ئىشىتابىنىڭ ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ۋە تۆمۈريول تارماقلىرىدىكى خىزمەتچىلەر بېكەتتىن چىقىش ئېغىزىنى ھەر تەرەپلىمە دېزىنفېكسىيە قىلىپ، لىفىت، پەلەمپەيلىك لىفىت ۋە بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزى قاتارلىق بىر قەدەر چوڭ رايونلارنى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ، يەر يۈزىگە دېزىنفېكسىيە سۈيى چېچىپ يۇيۇش ماشىنىسى بىلەن بىر سائەتتە بىر قېتىم سۈرتىمىز، ھەممە جاينىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز». ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇ شياۋچېڭ شۇنداق دېدى.

  يېرىم كېچە بولاي دېگەندە، مۇخبىر جۈ نىڭنىڭ ۋېيشىنىدىكى يول يۈرگەن قەدەم سانىنىڭ 30 مىڭ 568 قەدەم بولغانلىقىنى كۆردى، بۇ ئۇنىڭ بىر كۈندە ۋوگزالدا ئۇياقتىن بۇياققا ماڭغان يولى ...