بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 320 نەپەر نىشانلىق تەربىيەلىنىدىغان شىگۇەن قوبۇل قىلىدۇ

日期:2020年07月21日
来源:人民网
【字体:

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىللىق نىشانلىق تەربىيەلىنىدىغان شىگۇەن قوبۇل قىلىش خىزمىتى يېقىندا باشلانغان. بۇ يىل دۆلەت تەكشۈرۈپ بېكىتكەن توققۇز يەرلىك ئالىي مەكتەپنىڭ 2020-يىللىق ئالىي كەسپىي مەكتەپ(كەسپىي تېخىكۇم)لەر قاتلىمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئىچىدە، شىنجاڭغا يۈزلىنىپ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى، ئىستراتېگىيە ياردەمچى قىسىمى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىغا 320 نەپەر نىشانلىق تەربىيەلىنىدىغان شىگۇەن قوبۇل قىلىدىكەن.

  نىشانلىق تەربىيەلىنىدىغان شىگۇەن قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئەر ئوقۇغۇچى بولۇشى، يېشى 20دىن ئاشمىغان(2000-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان)، توي قىلمىغان بولۇشى كېرەك، سىياسىي ۋە سالامەتلىك شارائىتى مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەر قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  نىشانلىق تەربىيەلىنىدىغان شىگۇەن قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشنى خالايدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇرۇن ئوقۇش پۈتكۈزگەن مەكتىپى ياكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن «ئەسكەرلىككە تىزىملىتىدىغان پۇقرالارنى سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ باھالاش جەدۋىلى» ۋە «نىشانلىق تەربىيەلىنىدىغان شىگۇەن قوبۇل قىلىش يۈزتۇرا ئىمتىھانى جەدۋىلى»نى ئېلىۋالسا بولىدۇ.

  7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، نوپۇسى شىنجاڭدا بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى نوپۇسى تۇرۇشلۇق ناھىيە(شەھەر، رايون، بىڭتۇەن شى)لىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋە قوراللىق ساقچى بۆلۈم سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ باھالاشنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ؛ نوپۇسى شىنجاڭدا بولمىغان، ئەمما شىنجاڭ ئىچىدە مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئوقۇغان مەكتىپى تۇرۇشلۇق جاي(شەھەر، رايون، بىڭتۇەن شى)دىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋە قوراللىق ساقچى بۆلۈم سىياسىي جەھەتىن تەكشۈرۈپ باھالاشنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىنى ناھىيە دەرىجىلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئۇقتۇرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە، كونكرېت يۈزتۇرا ئىمتىھان ۋاقتى ۋە ئورنى ناھىيە دەرىجىلىك(بىڭتۇەن شى) ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ رەسمىي ئۇقتۇرۇشى بويىچە بولىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر باشقا ئىشلارنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى ھۆكۈمەت تەرەپ تورى(www.xjzk.gov.cn)دىن سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.