شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ۋە تارقىتىش تىپىك دېلو مىسالىدىن ئالتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

日期:2020年07月21日
来源:人民网
【字体:

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆرۈلۈپ، يەنە بىر قېتىم پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئەندىشىگە سالدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ھەر مىللەت ئامما پائال ئاۋاز قوشتى، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەر تېز سۈرئەتتە ياردەم بەردى، پۈتۈن كۈچ «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاتلاندى، لېكىن ئايرىم تور ئەھلى تور ئارقىلىق يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ۋە تارقىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»، «ئالاقە تورى ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئالاقىدار پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى ۋە خادىملارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  1-دېلو مىسالى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ليۇ X، تۇڭ X قاتارلىق تۆت كىشىنىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋاغا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىش دېلوسى

  2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، تور ئەھلى ليۇ X (ئايال، خەنزۇ، 27 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجوۋ شەھىرى)، تۇڭ X (ئەر، خەنزۇ، 41 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرى)، خۇاڭ X (ئەر، جۇاڭزۇ، 34 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ چۇڭزو شەھىرى)، جەي X (ئەر، خەنزۇ، 29 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لوياڭ شەھىرى)لەرنىڭ ۋېيشىن توپىدا «قەشقەردە XX ئادەمگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ليۇ X، تۇڭ X قاتارلىق تۆت كىشىگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.

  2-دېلو مىسالى: قاراماي شەھىرىدىكى تور ئەھلى شىڭ X نىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىش دېلوسى

  2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، تور ئەھلى شىڭ X (ئايال، خەنزۇ، 33 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرى)نىڭ ۋېيشىن توپىدا «قارامايدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بار بولدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە شىڭ X كە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.

  3-دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى لى X، چېن X نىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىش دېلوسى

  2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، تور ئەھلى لى X (ئەر، خەنزۇ، 28 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنياڭ شەھىرى)، چېن X (ئەر، خەنزۇ، 23 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسى)لەرنىڭ ۋېيشىن توپىدا «شايار ناھىيەسىدە چۈشتىن كېيىن شەھەر قامال قىلىنىدۇ» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە لى X، چېن X ئىككى كىشىگە تەنقىد-تەربىيە بەردى ھەم 500 يۈەن جەرىمانە قويدى.

  4-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى جىن X نىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋاغا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىش دېلوسى

  2020-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، تور ئەھلى جىن X (ئايال، خەنزۇ، 64 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى)نىڭ ۋېيشىن توپىدا «بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەلۇم ئايالنىڭ قازاقستاندىن كېلىپ چېگرادىن ئۆتكەندە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتمەسلىكى ۋە ئايرىش تەدبىرى قوللىنىلماسلىقىدىن بولغان» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جىن Xكە تەنقىد-تەربىيە بەردى ھەم 500 يۈەن جەرىمانە قويدى.

  5-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى شېن X نىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋاغا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى

  2020-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، تور ئەھلى شېن X (ئەر، خەنزۇ، 64 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى)نىڭ ۋېيشىن توپىدا يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شېن Xنى قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلدى.

  6-دېلو مىسالى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ما X نىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى

  2020-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، تور ئەھلى ما X (ئايال، خەنزۇ، 44 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: سانجى ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرى)نىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە «7-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن! شىنجاڭدىكى بىر يۇقۇملانغۇچى ئاچچىقىدا ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى، نەق مەيداندا 47 ئادەم تىرىك پېتى كۆيۈپ ئۆلدى، نەق مەيدان شۇ قەدەر ئېچىنىشلىق بولدى!!» دېگەن تېمىدىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ما X كە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.

  ئالاقە تورى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، كەڭ تور ئەھلى چوقۇم نوپۇزلۇق تاراتقۇ، ھۆكۈمەت تەرەپ يولى ئارقىلىق يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىشى، مۇنتىزىم بولمىغان مەنبە، ئىسپاتلاشتىن ئۆتمىگەن يۇقۇم ئەھۋالى ئۇچۇرلىرىغا ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىكى، ئۇنى تارقاتماسلىقى كېرەك، يۇقۇمغا چېتىشلىق يالغان ئۇچۇر ۋە ساختا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى سۇبيېكتىپ پەرەز قىلىشقا، ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقىتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، توردا پىتنە-ئىغۋا ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تارقىتىپ جەمئىيەت ئاممىۋى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاقىدار تارماقلار قانۇن-نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. كەڭ تور ئەھلىنىڭ قانۇننى بىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، تۆۋەن چەككە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پىتنە-ئىغۋا ئويدۇرماي، پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەي، پىتنە-ئىغىۋا تارقاتماي، ياخشى تور مۇھىتىنى ئورتاق قوغداپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.

  پاش قىلىش ئۇسۇلى:

  تور ئادېرىسى: www.xjwljb.com

  تېلېفون نومۇرى: 2384777-0991

  ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى: xjwljb@xjts.cn

  مىكرو بىلوگ: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش 新疆网络举报 @

  ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش (新疆网络举报)

  ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

  قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110