مۇتەخەسسىس مۇنداق ئەسكەرتتى:

يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرتكەندە شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

日期:2020年07月21日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يېقىندا، ئۈرۈمچىنىڭ پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە تۈركۈمگە بۆلۈپ، يادرو كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي شەھەر ئاھالىلىرىگە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرتكەندە، شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى.

  جاڭ ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەرقايسى رايونلاردا بىرقانچە ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلغان بولۇپ، مەھەللىلەر ئاھالىلەرنى تەشكىللەپ، تەرتىپلىك تەكشۈرتىدىكەن. شەھەر ئاھالىلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپ بويىچە بەلگىلەنگەن ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىدا ئەۋرىشكە ئالدۇرۇشى، شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىپ، بىر مېتىر بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ، ئولىشىۋالماي، توپلىشىۋالماي، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تەرتىپلىك ماسلىشىشى كېرەك ئىكەن.

  جاڭ ۋېي شەھەر ئاھالىلىرىگە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرتكەندە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى: يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈشتىن ئىلگىرىكى ئىككى سائەت ۋاقىت ئىچىدە تاماق يېمەسلىك، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەۋرىشكە ئېلىشتىن ئىلگىرىكى 30 مىنۇت ئىچىدە تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك ۋە سېغىز چاينىماسلىق كېرەك؛ گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپ- خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، بارلىق تەكشۈرتكۈچىلەر ماسكا تاقىشى ھەمدە بىرنى زاپاس تەييارلاپ، ئەۋرىشكە ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالماشتۇرۇشى كېرەك؛ بۇرۇن-يۇتقۇنچاق پەلكۈچى بىلەن ئەۋرىشكە ئېلىشتىن ئىلگىرى، تەكشۈرتكۈچىلەر ئەۋرىشكە ئالىدىغان خادىملارغا ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى ئېگىلىش ياكى بۇرۇن بوشلۇقى ئوپېراتسىيەسى تارىخى بار-يوقلۇقىنى ئېيتىشى كېرەك، ئەۋرىشكە ئېلىش جەريانىدا بۇرۇن قىچىشىش، غىدىقلىنىپ چۈشكۈرۈش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ چاغدا دەرھال قەغەز ياكى جەينەك بىلەن توسۇۋېلىش كېرەك؛ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ياكى يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز ئىسپىرت بىلەن قولنى سۈرتۈپ پاكىزلاش لازىم؛ ئەۋرىشكە ئالغاندا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاش كېرەك؛ ئەۋرىشكە ئالغان ھەم دوكلاتنى ئالغاندا چوقۇم كىملىكنى ئېلىۋېلىش كېرەك.