شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چوڭ يولى ئەڭ شىمالىي قىسىمغىچە ئۇزارتىلدى

日期:2020年07月20日
来源:人民网
【字体:

  ئالتاي − شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى

  شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چوڭ يولى ئەڭ شىمالىي قىسىمغىچە ئۇزارتىلدى

  7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئالتاي − شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چوڭ يولىنىڭ ئەڭ شىمالىي قىسىمغىچە ئۇزارتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش مۆلچەرلىنىشىچە، 9 - ئاينىڭ ئاخىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىر تورىنىڭ ئاساسىي تور رامكىسىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە ئېنېرگىيە تەقسىملەش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئالتاي − شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشى قاناس 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن باشلىنىپ، شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدا ئاخىرلىشىدۇ، بۇ قۇرۇلۇش ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسى ھەمدە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدىن ئۆتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 341 كىلومېتىر.

  ئالتاي ۋىلايىتى مول شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقىغا ئىگە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشتە پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %94كە يېتىدۇ.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئالتاي توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئالتاي ۋىلايىتىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 867 مىڭ كىلوۋات بولغان. 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە، ئالتاي ئېلېكتىر تورىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 3 مىليون 150 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 1 مىليون 410 مىڭ كىلوۋات، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 1 مىليون 240 مىڭ كىلوۋات، نۇر ئېنېرگىيەسىنىڭ 200 مىڭ كىلوۋات بولغان. ئېچىش سەۋىيەسى ۋە يەتكۈزۈش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئېشىنچا مىقدارى 2 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن بولۇپ، شۇ جاينىڭ تەبىئىي بايلىقىنى «ھەقىقىي بايلىق»قا ئايلاندۇرغىلى بولمىغان.

  2018- يىلى 9 - ئايدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى 1 مىليارد 670 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئالتاي − شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، بۇ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

  ئالتاي − شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئالتاي ئېلېكتىر تورىنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 2 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزۈلۈپ، شۇ جاينىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ۋە شامال كۈچىنى زايە قىلىۋېتىش مەسىلىسى تەلتۆكۈس ھەل قىلىنىدۇ.

  2010 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، ئون يىلدا 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن 22نى قۇردى، توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى 53كە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7416 كىلومېتىرغا يېتىپ، «ئىچكى قىسىمدا تەمىنلەيدىغان تۆت ئايلانما تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان تۆت يول»دىن ئىبارەت ئېلېكتىر تورى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.