ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلىدا قوش رېكورت يارىتىلدى

日期:2020年07月20日
来源:人民网
【字体:

  7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىخەنزە داشۆسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىدى بازىرىدىكى يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداي سورتى جيۇشېڭخې D1508، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي سورتى شىندۇڭ 53 - نومۇرنىڭ ئەمەلىي ھوسۇلىنى ئۆلچىدى. ئۆلچەپ بېكىتىش ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى: جيۇشېڭخې D1508نىڭ مو بېشى ھوسۇلى 822.1 كىلوگىرامغا يېتىپ، 2019 - يىلىدىكى 806.76 كىلوگىراملىق بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلانغان؛ شىندۇڭ 53 - نومۇرنىڭ ئەمەلىي يىغىلغان مو بېشى ھوسۇلى 785.1 كىلوگىرام بولۇپ، 2019 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىدىن 48.83 كىلوگىرام يۇقىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتى يېڭىلانغان.

  شىندۇڭ 53 - نومۇرنىڭ نەم ئۇن تىلىپى مىقدارى يۇقىرى، خېمىرنىڭ تۇراقلىق بولۇش ۋاقتى ئۇزاق، ئۇن پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغدايغا بولغان سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇن پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتكە باھا قوشۇپ سېتىۋالىدىغان سورتىغا ئايلاندى. 2019 - يىلى بۇ سورتنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى تېز كېڭىيىپ، سانجى، بورتالا، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردا 60 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە تېرىلدى. جيۇشېڭخې D1508 ئاق توزان كېسىلىگە يۇقىرى دەرىجىدە تاقابىل تۇرۇش، يوپۇرماق ھال كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش، يېتىپ قىلىشقا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، كەڭ ئېتىزدا ئۆستۈرۈلگەندە بولۇق ئۆسىدۇ، ھوسۇلى يۇقىرى، مۇقىم ھوسۇل بېرىشى ياخشى بولۇپ، ماسلىشىش دائىرىسى كەڭ، 2019 - يىلى شىمالىي شىنجاڭدىكى كۈزگى بۇغداي رايونىدا 2000 مودىن ئارتۇق يەرگە ئۈلگە كۆرسىتىپ تېرىلدى.

  شىندۇڭ 53 - نومۇر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئورتاق تاللاپ يېتىشتۈرگەن ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق كۈزگى بۇغداي يېڭى سورتى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور مەخسۇس تۈرى بولغان «شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىقچىلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى»دا نۇقتىلىق كېڭەيتىپ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يېڭى سورت بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئەلا سۈپەت بىلەن مەھسۇلات مىقدارى ئۆزئارا زىددىيەتلىك بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل كۈزدە تېرىلغۇ كۆلىمى 400 مىڭ مودىن ئاشىدىكەن. جيۇشېڭخې D1508 جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى ئۆزئالدىغا تاللاپ يېتىشتۈرگەن كۈزگى بۇغداي سورتى بولۇپ، پات ئارىدا ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي يېڭى سورتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتىدۇ.