شىنجاڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيا مەنبەسى يېتەرلىك، تەمىنلەش مۇقىم بولماقتا

日期:2020年07月20日
来源:人民网
【字体:

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى يېتەرلىك، بىخەتەر بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ يۈشياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ماسكا، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى، دېزىنفىكسىيە تۈرىدىكى مۇداپىئە بۇيۇملىرىنىڭ زاپىسى يېتەرلىك بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان 60تىن ئارتۇق كارخانا بار كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن، بازارنى تەمىنلەش ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالايدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ بىر قانچە دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تىجارىتى كارخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، بۇ كارخانىلارنىڭ ئىسكىلاتىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىر قەدەر يېتەرلىك بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر قايسى يوللار ئارقىلىق سېتىۋېلىپ تەرتىپلىك بازارغا سېلىۋېتىپتۇ.

  «شىركىتىمىزنىڭ زەنجىرسىمان سېتىش دۇكانلىرىدا ھازىر 1 مىليونغا يېقىن ماسكا بار، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن زاكاز قىلىنغان 3 مىليونغا يېقىن ماسكىمۇ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسپىرت، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرى قاتارلىقلار ئامباردا ئىنتايىن يېتەرلىك» دېدى شىنجاڭ بەيساۋتاڭ تېببىي دورا زەنجىرسىمان سېتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى لوۋ فاڭ.

  7-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ پۇجىتاڭ تېببىي دورا پارچە سېتىش زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتى باش مۇدىرىنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى ياڭ جۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر قانچە زەنجىرسىمان دۇكان ئەۋەتكەن سۈرەتلەرنى تاپشۇرۇۋالدى، ھەر قايسى دۇكانلارنىڭ تىجارىتى نورمال بولۇپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ئىشىكتىن كىرگەندە كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇلغان بولۇپ، مال سېتىۋېلىش مۇھىتى تەرتىپلىك ئىدى.

  «بۇ بىر نەچچە كۈندە، بازارنىڭ ماسكا قاتارلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىغا بولغان ئېھتىياجى سەل ئاشتى، بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، بىز ئىچكىرىدىكى ئۈچ ماسكا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن 2 مىليون ماسكا زاكاز قىلدۇق، مال كەلگەندىن كېيىن ھەر قايسى دۇكانلارغا سالىمىز. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن سېتىۋالغاندىن باشقا، يەرلىكتىكى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىمۇ بىزنى مال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى ياڭ جۈن.

  7-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قانچە دورا دۇكىنىنى زىيارەت قىلدى، جيەنكاڭ يولىدىكى بىر دورا دۇكىنىدا، مۇخبىر ماسكىنىڭ پۇكەيدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇلغانلىقىنى؛ شىنجاڭ شىنتې دورىگەرلىك زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىنىڭ بېيمىندىكى بىر دۇكىنىدا، مال جازىسىدىكى ماسكا، ئىسپىرت، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆردى.

  «بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرى بازىرىنى تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ دورا، سايمان ئىشلىتىش بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلايمىز» دېدى جاڭ يۈشياڭ.