ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەركىزى جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى ئاچتى

日期:2020年07月20日
来源:人民网
【字体:

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەركىزى يېقىندا جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونى ئاچتى، بۈگۈندىن باشلاپ 9-ئاينىڭ 30-كۈنى(خىزمەت كۈنى سائەت 10دىن 19غىچە) ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم جەھەتتە سۇئالى بولسا 7606276-0991غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن 10 نامرات ناھىيەنى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى «ئاساسىي جەڭ مەيدانى» قىلىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ نازارەت قىلىپ ۋە ھۆددىگە ئېلىپ بىرلىشىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتقان. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەركىزى مەبلەغنى ئالدىن ئاجرىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا جەمئىي 6 مىليارد 510 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، 5 مىليون 559 مىڭ ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزگەن.

  مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز داۋاملىق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى تولۇق قاپلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي ياردەم تۈرى ۋە مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا مۇنۇلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى: ئوقۇش باشلاشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مەزگىل ئالدامچىلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت، بىز چوقۇم كۆزىمىزنى ئېچىپ، ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئازدۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار يەنە «شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.