شىنجاڭدىكى 10 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنا ئۈسكۈنىسىدە بېيدوۋ يول باشلاش مۇلازىمىتى ئىشلىتىلدى

日期:2020年07月20日
来源:人民网
【字体:

   مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا، ھازىر بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن شوپۇرسىز تىراكتوردىن 5954ى بار بولغان، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى قوللىنىلغان زىرائەت پەرۋىش قىلىش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 5000دىن ئاشقان، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقلىرى جەمئىي 10 مىڭدىن ئاشقان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بېيدوۋ ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ھەيدەشكە ياردەملىشىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان تىراكتور، كومبايىن قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ، كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش بىلەن ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ماس تەرەققىي قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، بېيدوۋ ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ھەيدەشكە ياردەملىشىش سىستېمىسى ئاساس قىلىنغان تۈجۈپىلەپ تېرىش، قۇر بويىچە ئوغۇتلاش ۋە دەل جايىدا دورا چېچىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ماس قەدەمدە كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك زىرائەت پەرۋىش قىلىش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى مەشغۇلات كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى بىلەن يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى بىرلەشتۈرۈپ ئوغۇتلاش، دورا چېچىش مەشغۇلاتى قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. زىرائەت پەرۋىش قىلىش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىر كۈندە 300 مودىن 700 موغىچە كۆلەمدە مەشغۇلات قىلالايدۇ، ئۈنۈمى يۇقىرى، سۈرئىتى تېز، بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىش-بىر تۇتاش تىزگىنلەشكە قولاي بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. نۆۋەتتە، شىنجاڭ بويىچە بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئاساس قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز زىرائەت پەرۋىش قىلىش ئايروپىلانىنىڭ ئومۇمىي سانى 5000دىن، مەشغۇلات كۆلىمى 20 مىليون مودىن ئاشتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى يەنە شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش مەشغۇلاتىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلماقتا. مەشغۇلات ماشىنىلىرى گۇرۇپپىسىغا بېيدوۋ ئورۇن بەلگىلەش، سېزىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆزىتىش-ئۆلچەش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلىپ، يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات ھالىتى ۋە مەشغۇلات كۆلىمىنى توغرا كۆزىتىش-ئۆلچەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىر، شىنجاڭدا ئورناتقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش مەشغۇلاتىنى يىراقتىن ئۇچۇرلاشتۇرۇپ كۆزىتىش-ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى 2000 يۈرۈشتىن ئاشقان بولۇپ، يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش، يەر رەتلەشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ كۆزىتىش-ئۆلچەش بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.