ئاپتونوم رايون بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى باشلاندى

日期:2020年06月22日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا، پىراكتىكانت ئارق ئامانباي خەۋىرى):4-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ئىجادىيەت قانىتى» ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىكىتاللاش مۇسابىقىسى ۋە 2020-يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 18-كۈنىباشلاندى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ۋاقتى ئىككى ئايدىن كۆپرەك بولۇپ، ئاساسىمۇسابىقە ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمەن شىنجاڭدا ئىگىلىك تىكلىگەن ياكى بەلگىلىك ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىغا، مۇمكىنچىلىكى بار ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە ئىگە ھەم ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار 16 ياشقا توشقانلار مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتسا بولىدۇ.

مۇسابىقىدەيېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشنىباھالاش كۆرسەتكۈچى قىلىنىدۇ، تۈرلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرى، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرى، يېتەكلەش خاراكتېرى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئىجتىمائىي قىممىتى نۇقتىلىق نەزەرگە ئېلىنىدۇ، نامراتلارنى يۆلەشتە ئاساسلىقى تۈرلەر بويىچەنامرات ئامما ياكى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سانى، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەرچۆرىدىلىپ نومۇر قويۇلىدۇ.

مۇسابىقە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ماھىرلار ئالدى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش مەيدانى، پەرىشتە مەبلەغ سېلىش تەۋسىيەسى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرگە بىر ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىلىكىگە ئېرىشەلەيدۇ. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن تۈرلەر شىنجاڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ، مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۈرلەر ئىگىلىك تىكلەش سورۇنلىرىنىڭ قوللىشىغا، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىنىڭ قوللىشىغا، باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەشكە يار-يۆلەك بولۇش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

مۇسابىقىگە تىزىملىتىش ۋاقتى 15ـ ئىيۇل ئاخىرلىشىدۇ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئورگان تورى(http://rst.xinjiang.gov.cn)، شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تورى(www.xjggjy.com)دىن ئالاقىدار ماتېرىياللارنى چۈشۈرسە بولىدۇ.

2019-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 74 مىڭ 700 كىشى يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەپ، 144 مىڭ 300 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.