ئونسۇ ناھىيەسى: كىچىك شياڭگۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىدىكى چوڭ كەسپكە ئايلاندى

日期:2020年06月19日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىردوڭ چېڭجوڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلو ياڭخەۋىرى): 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى سىيۇەن كەنتىدىكى شياڭگۇ ئۈلگە كۆرسىتىش تېرىقچىلىق بازىسىدا، خىزمەتچى خادىملار يېڭى شياڭگۇ ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ سىيۇەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكۈچىئورۇنبىلەن ئالاقىلىشىپ، 2019-يىلى 8-ئايدا 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇ شياڭگۇ ئۆستۈرۈش تۈرىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ تۈرنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى ئالتە مو بولۇپ، ھازىر زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنىڭ سانى 30 نەچچە مىڭدىن ئاشتى. خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل 8-ئايدا يەنە 2-تۈركۈمدىكى شياڭگۇ ئۆستۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇپ، زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنىڭسانىنى 60 مىڭغا كۆپەيتمەكچى بولدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شياڭگۇ ئۆستۈرۈش تۈرى ئورمان ئىقتىسادىغا تەۋە بولۇپ، كەنت تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئورمان بەلبېغى بوشلۇقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شياڭگۇ ئۆستۈرگەندە، ھەم كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ كۆكەرتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىگىلى، ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدىكەن.

كەنت ئاھالىسى پاتەمخان بارات مۇنداق دېدى: مېنىڭ شياڭگۇ بازىسىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا بىر يىل بولاي دېدى، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار، يىل ئاخىرىدا يەنە پايدا تەقسىم قىلىدۇ. ئوغلۇم گۈرۈچ پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئىشلەيدۇ، ھەر ئايدا 2000 يۈەن كىرىمى بار، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئائىلەمگە قىلغانياردىمىگە رەھمەت.»

پاتەمخان باراتنىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇلتۇر خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ 20 ياشلىق ئوغلىنى قوشنا كەنتتىكى بىر گۈرۈچ پىششىقلاش زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇنى كەنت شياڭگۇ ئۈلگە كۆرسىتىش تېرىقچىلىق بازىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپلا قالماي، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ئېزىز تۇنىياز مۇنداق دېدى: شياڭگۇ ئۆستۈرۈش تۈرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىر قىسىم پايدا كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمى سۈپىتىدە تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىلدى؛ يەنە بىر قىسىم پايدا تەقسىملەش شەكلىدە پۈتۈن كەنتتىكى 22 ئائىلىلىك قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىسىگە بۆلۈپ بېرىلدى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمىنى تەقسىملەش ئارقىلىق، پۈتۈن كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئۆستۈرۈلدى. كېيىنكى قەدەمدە خىزمەت ئەترىتى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شياڭگۇ تېرىش، نېلۇپەر ئۆستۈرۈش، قارا چىپار پاقا باقمىچىلىقى، يەم ـ خەشەك پىششىقلاش، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىق تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.