ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىق چوڭ رايونىدىن چارۋىچىلىق كۈچلۈك رايونىغا ئايلىنىشنى ئالغا سىلجىتتى

日期:2020年06月18日
来源:人民网
【字体:

 يېقىندا، «شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى) چىقىرىلغان. «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق چوڭ رايونىدىن چارۋىچىلىق كۈچلۈك رايونىغا ئايلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ بەش يىل ۋاقىتتا، مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان، مەملىكەت ئىچىدە بەلگىلىك تەسىر كۈچگە ئىگە چارۋىچىلىق كەسپى توپىدىن ئۈچتىن بەشكىچە يېتىشتۈرۈلىدۇ، شەكىللەندۈرۈلىدۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ گۆش تۈردىكى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 200 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، كالا سۈتى مەھسۇلات مىقدارى 3 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، قۇش تۇخۇمى مەھسۇلات مىقدارى 500 مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇلۇپ، ئايرىم - ئايرىم %30، %50 ۋە %25 ئۆستۈرۈلىدۇ؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 110 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇلۇپ، %20 ئۆستۈرۈلىدۇ.

 «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، چارۋىچىلىقنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ چارۋىچىلىقىنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، بازارنى يېتەكچى قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش، ئوت - چۆپ بىلەن چارۋىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن بايلىق - مۇھىت ئۆزئارا ماسلىشىش، ئۆلچەملەشكەن، كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، كەسىپلەشتۈرۈلۈپ، سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇلۇپ تىجارەت قىلىش قاتارلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.

 چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دېھقانچىلىق رايونلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، گۆش قويى مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش، گۆش كالىسى مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، تىرىك چوشقا كەسىپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆي قۇشلىرى ھەم خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق بەش چوڭ گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ.

 «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: چارۋىچىلىقتا قەرز ئېلىشتىكى رەنە بۇيۇمىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، چارۋا - قۇش تىرىك جانلىق مۈلۈكنى رەنىگە قويۇپ قەرز پۇلى ئېلىش يولغا قويۇلۇپ، باقمىچىلىق سۇغۇرتىسى كېڭەيتىلىپ، سۈت كالىسى، تىرىك چوشقىدىن باشقا چارۋا - قۇش تۈرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، گۆش قويى ئىشلەپچىقىرىشنى يېزا ئىگىلىكى سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تەدرىجىي ئىلتىماس قىلىنىپ، شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلارنىڭ ئۆي قۇشلىرى، توشقان قاتارلىق خاس سۇغۇرتا تۈرى سۇغۇرتىسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن چارۋا - قۇش باقمىچىلىق مەيدانلىرى، ئائىلىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنىڭ تولۇقلىما بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

 «پىكىر»دە يەنە مالىيە، پۇل مۇئامىلە، مۇھىت ئاسراش جەھەتلەردە چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. 2020 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون مالىيەسى ھەر يىلى مۇئەييەن مەبلەغنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، چارۋىچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدۇ.