شايار كەچلىك بازىرى ئاھالىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى

日期:2020年06月18日
来源:人民网
【字体:

 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، شايار ناھىيەسى شىڭشېڭ مەھەللىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كەچلىك بازىرىدا، بازارنى يورۇتۇۋەتكەن رەڭگارەڭ چىراغلار، خېرىدار چاقىرغان جاراڭلىق ئاۋازلار، كاۋاپتىن تارالغان مەززىلىك پۇراقلار كىشىنى جەلپ قىلاتتى.

 «ئىككى يىغىن» روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شايار ناھىيەسى ئاھالىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە چارە-ئامال تېپىپ، ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى يېڭى پۇرسەتنى يېتىشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

 شىڭشېڭ مەھەللىسى ئىگىلىك تىكلەش كەچلىك بازىرى شايار ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى سانائەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىستېمال توپى ئاساسەن ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ خىزمەتچىلىرى. ئاھالە ئارزۇگۈل راخمان بۇ كەچلىك بازاردا يايما ئېچىۋاتاتتى. «مەن ئاساسلىقى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك، ئىچىملىك، پىۋا ساتىمەن، سودا ياخشى كۈنلىرى 100 بوتۇلكىدىن ئارتۇق ھاراق ساتالايمەن. سودا ياخشى بولسا، كۈنلىرىمىزمۇ ياخشى بولىدۇ.» دېدى ئارزۇگۈل راخمان.

 جېڭ شۆفېڭ بازاردا راڭپىزا، كالا گۆشى قىيمىلىق تاۋا نېنى ساتاتتى. «كۈندۈزى راڭپىزا، تاۋا نانلىرىمنى ھەرقايسى زاۋۇت، كارخانىلارنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ساتىمەن، كەچلىرى كەچلىك بازاردا ساتىمەن، كۈنىگە 700 يۈەن ئەتراپىدا سودا قىلالايمەن. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت!» دېدى جېڭ شۆفېڭ خۇشال ھالدا.

 سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدا، خېرىدار پەن خوڭۋېي ئۈچ دوستى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى، ئۈستەلگە تاۋۇز، بولو، شياڭجياۋ قاتارلىق مېۋە ـ چېۋىلەردىن ياسالغان مېۋە دوغاپ قويۇلغانىدى. «دوستلار بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىمىز، باھاسى مۇۋاپىق، مۇھىتىمۇ ياخشى، ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، بىردەم ئازادە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىۋالىمىز.» دېدى پەن خۇڭۋېي.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، شايار بازىرى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەش كەچلىك بازىرىدىن ئۈچنى قۇرۇپ، خەلققە قولايلىق ئەتىگەنلىك بازاردىن ئىككىنى ئۆزگەرتىپ، تەۋەلىك رايوندىكى 15 ئەتىگەنلىك بازار، كەچلىك بازارنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىپ، جەمئىي 600دىن ئارتۇق يايما ئورنى تەسىس قىلىپ، 2000غا يېقىن ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەرگەن.