ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنى زىيارەت

日期:2020年06月17日
来源:人民网
【字体:

    سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى.

 شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تاراتقۇلار زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 305 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 3 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيى، تەنتەربىيە مەيدانى، ئۇنىۋېرسال يېنىك ئاتلېتىكا سارىيى، سۇ ئۈزۈش سارىيى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيى، تەنھەرىكەتچىلەر مېھمانخانىسى ۋە ئالاقىدار يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تاماملىنىپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان، قالغان مەيدان- ساراي ئەسلىھەلىرى بۇ يىل ئىچىدە داۋاملىق تاپشۇرۇلىدىكەن.