ئالدىنقى بەش ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار كىرېدىتىنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك بولدى

日期:2020年06月17日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىۋاڭ يۇڭفېينىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز پۇل تارقىتىشىدا مىقدار ئېشىش، باھا تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ كىرېدىتىنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك بولۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل تەننەرخى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 79 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىگەن، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.4 ئاشقان.

جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 2 تىرىليون 160 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.2 ئاشقان؛ 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز پۇل 108 مىليارد 210 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 53 مىليارد 880 مىليون يۈەن ئارتۇق كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تارقىتىلغان ئورۇنلار تۇراقلىق مۈلۈك قەرز پۇلىنىڭ جەمئىي سوممىسى 103 مىليارد 80 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك سېلىنما تۈرلىرىنىڭ ئىش باشلاپ ئالغا سىلجىتىلىشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلغان.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پۇل سىياسىتى قورالىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى «تارقىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش»قا يېتەكلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا پائال كۈچ قوشتى. 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 16 مىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىغا جەمئىي 119 مىليارد 300 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتتى، بۇ، تارقىتىلغان كىرېدىت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %43ىنى ئىگىلىدى. 5 - ئاينىڭ ئاخىرى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 406 مىليارد 60 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.4 ئاشتى، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 21.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. كىرېدىت تارقىتىش دائىرىسىنى زورايتىش بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى يەنە ھەرقايسى بانكا ئاپپاراتلىرىنى قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلىدى. 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، كارخانىلارغا يېڭىدىن تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى %4.77 بولدى، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە كارخانىلارغا يېڭىدىن تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى %5.13 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 36 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل تەننەرخى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 79 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا ئۈزلۈكسىز مايىللىشىپ توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، شۇ جاينىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خاس كەسىپلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلدى. 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 254 مىليارد 20 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەننىڭ %25.7 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.