ئىستېمال كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىدۇ، ئىستېمالنىڭ قايتا جانلىنىشىغا كۈچ قوشىدۇ

日期:2020年06月11日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش بويىچە «بىر، ئون، يۈز، مىڭ»نى قۇرۇپ −

ئىستېمال كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىدۇ، ئىستېمالنىڭ قايتا جانلىنىشىغا كۈچ قوشىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىشى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش بويىچە «بىر، ئون، يۈز، مىڭ» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىستېمال ئەندىزىسى، كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بەرگەن.

بۇ يىل يۇقۇم مەزگىلىدە، توردا ئىستېمال قىلىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئىستېمال يېڭى كەسپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچنى نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى «ئېلېكتىرونلۇق سودىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ۋاقتىدا تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، پائالىيەت كۆلىمىنى زورايتىش، پائالىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئەندىزە، كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش قاتارلىق سەككىز جەھەتتىن توردىكى بىلەن تور سىرتىدىكىنى يۇغۇرۇش، تاۋار ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرۇش، ئىستېمالنى تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولدى.

«بىر، ئون، يۈز، مىڭ» قۇرۇلۇشى يەنى بىر بىۋاستە كۆرسىتىش بازىسىنى بەرپا قىلىش، ئون نۇقتىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇبيېكتىنى يۆلەش، 100 نۇقتىلىق تاۋارنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش، 1000 بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىكى ئاكتىپ شەخسنى يېتىشتۈرۈش. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەلىرىدىن ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم ناھىيە رەھبەرلىرى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ماركېتىڭ پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ ئومۇمىي كەسپىي ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، قەشقەر شەھىرى قاتارلىق يەتتە نۇقتىلىق شەھەردە «ئاقىل سودا چەمبىرىكى» قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەملىكەتلىك 2 - نۆۋەتلىك «كۇرسلۇق ئىستېمال، سۈپەتلىك ئىستېمال توردا سېتىۋېلىش بايرىمى» پائالىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى چىڭ تۇتىدىكەن.

دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار تەشكىللىگەن تۈرلۈك بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى 300 مەيدان(قېتىم)دىن كۆپرەككە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولغان.

«بىز يېزىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش، كۇرسلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ساۋ شياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا مارالبېشىنىڭ شىرنە قوغۇن كەسپى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ نان كەسپى، جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ قوي كەسپى ۋە گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ئۇنى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇبيېكتلىرى ھەم ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسىدىن 47سى تەستىقلانغان بولۇپ، يىل ئىچىدە ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسىدىن يەنە ئالتىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى داۋاملىق قولغا كەلتۈرۈلىدىكەن.