شىنجاڭ بۇ يىل 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 4900گە يېقىن 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرىدۇ

日期:2020年06月11日
来源:天山网
【字体:

ئىقتىسادىي پايدىلىنىش گېزىتى(مۇخبىردۇ گاڭ، جۇۋ شېڭبىنخەۋىرى): مۇخبىرنىڭ يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ بۇ يىل جەمئىي 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 4897نى قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھازىر 3364ى قۇرۇلۇپبولغان.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن سودا، سانائەت رايونىدا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئەسلىدىكى 4G خەۋەرلىشىش مۇنارىدىن پايدىلىنىپ، 5G ئۈسكۈنىلىرىنى مۇنار چوققىسىغا ئورنىتىشقا باشلىغان. جۇڭگو تيېتا پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇش خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق، يەككە 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇشىغا پەقەت بىر ھەپتە ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدىكەن، بايلىقتىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە قۇرۇلۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، قۇرۇلۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن.

5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ توك سەرپىياتى يۇقىرى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 5-ئايدا 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، توكنى ۋاسىتىلىك تەمىنلەش سۇبيېكتىنىڭ توكنى ۋاسىتىلىك تەمىنلەش ئارقىلىق پايدا ئېلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، 5G ئاساسىي پونكىتىنى توكنى ۋاسىتىلىك تەمىنلەشتىن توكنى بىۋاسىتە تەمىنلەشكە ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ بازارلاشقان سودىغا قاتنىشىشىنى قوللىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، 5G ئاساسىي پونكىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىنى ئۇدا قاپلاش، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى 5G تورى بىلەن قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. ھازىر شىنجاڭدا، 5G داۋالاش ساھەسىدە يىراق مۇساپىلىك تەكشۈرۈش، ئېلېكتىر تورى VRدا سەييارە تەكشۈرۈش، كۆمۈر كاندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا قېزىش قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلماقتا.