2020-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ %75 چىقىمى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلدى

日期:2020年06月11日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىررېن چۈنشياڭخەۋىرى): 2020-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك بولدى، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى چىقىمى جەمئىي 160 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %75ىنى ئىگىلەپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 3.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

6-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا قىلغان «2020-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچەئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى» توغرىسىدىكى دوكلاتىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ مالىيە چىقىمى داۋاملىق بىر قەدەر يۇقىرى سىجىللىقنى ساقلىغان، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى چىقىمى داۋاملىق كۆپەيتىلىپ،ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تۈرلۈك نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ چىقىمىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغان.

دوكلاتتاكۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 51 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنىڭ %31.8ىگە توغرا كەلگەن، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى جەمئىي 213 مىليارد 740 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6 مىليارد 980 مىليون كۆپىيىپ،%3.4ئاشقان، 5-ئايدا شۇ ئايلىق مالىيە چىقىمى 41 مىليارد 770 مىليون يۈەن بولغان.

بولۇپمۇ، سەھىيە، ساغلاملىق چىقىمى جەھەتتە، ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا پائال تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، «ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، تىزگىنلەش، كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەتخىزمەت تەدبىرى ۋە «1+3» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىچوڭقۇر، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدائىملاشتۇرۇلۇپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشبىلەن بىللە، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتتەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش، ئجەمئىيەتئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداشپۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 5-ئايغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەبلىغىدىن 2 مىليارد 800 مىليون يۈەنئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش، داۋالاش-پەرۋىش خادىملىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىش، مەخسۇس ئۈسكۈنىلەر ۋە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سىناق دورىسىقاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش چىقىمىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلغان.