ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇپ، ئىستېمالنى تولۇقلاش ۋە يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىشنى تېزلەتتى

日期:2020年06月10日
来源:天山网
【字体:

ئالدىنقى تۆت ئايدا ئىستېمال بازىرىدا تۆتتە قايتا ئېشىش كۆرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىننىڭ 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن ئىقتىدارى، ئىستېمالنىڭ قايتا ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ سودا ئىستېمالىنى كېڭەيتىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئاھالە ئىستېمالىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئىستېمالنى تولۇقلاش ۋە يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىشنى تېزلەتكەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئىستېمال بازىرى تەدرىجىي ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، تۆتتە قايتا ئېشىش كۆرۈلگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جوۋ چياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، سودا ئوبوروتى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمىنى راۋانلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىستېمال قىزىق نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، قوللاش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، بانكا بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇش، نۇقتىلىق تاۋارلارنى سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىستېمال بازىرىنىڭ تولۇقلاشنى تېزلىتىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى چەكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 33 مىليارد 126 مىليون يۈەن بولغان.

«شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىستېمال بازىرىدا تۆتتە قايتا ئېشىش كۆرۈلدى.» جوۋ چياڭ مۇنداق دېدى: بىرىنچى، چەكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 4 - ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى چەكتىن يۇقىرى ئورۇنلار ئىشقا ئاشۇرغان ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 11 مىليارد 567 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئېشىپ، 3 - ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 25.2 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى.

ئىككىنچى، توردا سېتىشنىڭ ئېشىش نىسبىتى يەنىمۇ ئۆستى. 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا چەكتىن يۇقىرى توپ - پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ئاممىۋى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان سېتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.1 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 4 - ئايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65.8 ئاشتى.

ئۈچىنچى، نۇقتىلىق تاۋارلارنى سېتىشتا يەنىمۇ قايتا ئېشىش بولدى. 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئاپتوموبىل تۈرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان پارچە سېتىلىش سوممىسى 9 مىليارد 954 مىليون يۈەن بولۇپ، نېفىت ھەم بۇيۇملار تۈرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان پارچە سېتىلىش سوممىسى 7مىليارد 302 مىليون يۈەن بولۇپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە 13.7 ۋە 5.5 پىرسەنت پوئېنت تارايغان.

تۆتىنچى، مۇلازىمەت ئىستېمالى يەنىمۇ ئەسلىگە كەلدى. 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى چەكتىن يۇقىرى ياتاق، يېمەك - ئىچمەك كەسپى تەڭ قەدەمدە ئەسلىگە كەلدى، چەكتىن يۇقىرى ياتاق كەسپىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت سوممىسى 928 مىليون يۈەن، چەكتىن يۇقىرى يېمەك - ئىچمەك كەسپىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت سوممىسى 1 مىليارد 70 مىليون يۈەن بولۇپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە 9.1 ۋە 27.1 پىرسەنت پوئېنت تارايغان.

جوۋ چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: سودا تارماقلىرى نۆۋەتتىكى ئىستېمال بازىرىنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر ئىستېمالىنى پائال ئاشۇرىدۇ، يېزا - كەنت ئىستېمالى ۋە مۇھىم تاۋارلار ئىستېمالىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئوبوروت بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.