بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %27تىن ئېشىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ

日期:2020年06月10日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىۋاڭ يۇڭفېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى 370 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %27تىن يۇقىرى بولۇشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىكەن.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئومۇمىي پىكىر يولى ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈشنى يۇغۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەمەلىي قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «رەقەملىك +» « ئاقىل+»نىڭ مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، ئەشيا ئوبوروتى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە ئەمەلىي قوللىنىش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رايون بۆلەك زەنجىرى، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەم كەسىپتە ئەمەلىي قوللىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ياسىمىچىلىقنى رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئاپتوموبىل تورى، سانائەت ئالاقە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بويىچە يېڭىلىق يارىتىپ ئەمەلىي قوللىنىش باشلامچى رايون قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش.

ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى ئومۇمىي مىقدارى 345 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12تىن كۆپرەك ئاشقان.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش كارخانىلىرى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئېلېكتىرون ياسىمىچىلىقىنى كىرگۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش سالمىقىنى نۇقتىلىق زورايتىپ، يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەتچىلىكى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقىنىڭ سىجىل، تېزرەك ئېشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولغان ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، ۋاسىتىچى تەشكىلاتلار قاتارلىق رەقەملىك ئىقتىساد بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ تور ئىقتىسادى، سۇپا ئىقتىسادى، ھەمبەھرە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يېتىلدۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تېز يېتىلدۈرۈش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز 5G كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ھەم تور قۇرۇلۇشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يىل ئاخىرىغىچە بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە نۇقتىلىق ناھىيە، شەھەرلەرنى قاپلايدۇ؛ «5G+ سانائەت ئالاقە تورى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، «5G+ سانائەت ئالاقە تورى»نىڭ ئىچكى يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىدۇ؛ رايون بۆلىكى زەنجىرىنى ئەمەلىي قوللىنىش ھەم كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون بۆلىكى زەنجىرى تېخنىكىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، ئاقىل ساياھەت، كەسىپ تەرەققىياتى، مەھسۇلاتلاردا ساختىلىقتىن ساقلىنىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە ئەمەلىي قوللىنىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ؛ ئۇچۇر ئىستېمالى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاقىل شەھەرلەرنىڭ تىپىك ھەل قىلىش لايىھەسىنى كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىشىگە ئىلھام بېرىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرىدۇ.