ئاپتونوم رايونىمىز بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئۈچ يىلدا يېڭىدىن 200 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى

日期:2020年06月09日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى تېخنىكىلىق ئىش تۈرلىرىدە ئۈچ يىلدا 200 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز ھەرىكەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى تېخنىكىلىق ئىش تۈرلىرىدە ئۈچ يىلدا يېڭىدىن 200 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى باشلىغان، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدە قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تېخنىكا ماھارىتى جەھەتتىن تەربىيەلەش - باھالاشنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەرلىك بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ تېخنىكا ماھارىتى ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى بىناكارلىق - قۇرۇلۇش كەسپى ئىشچىلار قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرىدىكەن.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك» «تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەدىتىنى كۈچەيتىش كېرەك» «ھازىرقى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇش، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى پائال كۆپەيتىش، ئىشسىز قالغانلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

ھەرىكەت لايىھەسى بويىچە، 2020 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدە 200 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە: 2020 - يىلى 50 مىڭ كىشى، 2021 - يىلى 70 مىڭ كىشى، 2022 - يىلى 80 مىڭ كىشى؛ 250 مىڭ ئادەم قېتىمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە: 2020 - يىلى 60 مىڭ ئادەم قېتىم، 2021 - يىلى 90 مىڭ ئادەم قېتىم، 2022 - يىلى 100 مىڭ ئادەم قېتىم.

ھەرىكەت لايىھەسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز بىناكارلىق - قۇرۇلۇش تۈرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىردىن ئىككىگىچە ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش بازىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ (ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ)؛ ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر بىردىن ئىككىگىچە ئەمەلىي مەشىق ئۈلگە بازىسى قۇرۇپ چىقىدۇ(ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ)، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «كەسىپ + مەكتەپ + تەربىيەلەش ئاپپاراتى + كارخانا + تۈر» ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ھۆكۈمەت − مەكتەپ − ئەمەلىي مەشىق − پىراكتىكا − ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ.

ھەرىكەت لايىھەسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاپتونوم رايونىمىز ئوخشاش بولمىغان تۈر، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى شەكلى، يېڭى مەزمۇنى، يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭى تىپتىكى بىناكارلىق - قۇرۇلۇشتا ئادەم ئىشلىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش كارخانىلىرى ۋە تۈر قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى تېخنىكىلىق ئىش تۈرلىرىدە تەربىيەلەش ۋە ئەمەلىي مەشىق، پىراكتىكىنى ئاساس قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلەش رولى، كارخانىنىڭ سۇبيېكتلىق رولى، كەسپىي مەكتەپلەر(تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئۇللۇق رولى، ئىجتىمائىي ئاپپاراتلارنىڭ قوللاش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئاساس قىلىدىغان بىر تۈركۈم ئەمگەك - مۇلازىمەتنى بۆلۈپ ھۆددىگە ئېلىش كارخانىلىرى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، تەشكىللىك، كاپالەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش كارخانىسى، ئەمگەك ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى شىركەت قاتارلىقلارغا تايىنىپ، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشنى تەشكىللىك، پىلانلىق قانات يايدۇرۇپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى راست نام تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەشكىلىي مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەشكىللەش دەرىجىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش، ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىش توختامىنى ئادا قىلىشنى چىڭىتىش، ئادەم ئىشلىتىش بويىچە تەمىنلەش - ئېھتىياج سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىش، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ئىلھام بېرىش، ئوقۇتقۇچى كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىش، كۆپ قاتلاملىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.