ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەنۋەر تۇرسۇن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

日期:2020年06月09日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرىيېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ قاراپ چىقتى، تەكشۈردى.

تەكشۈرۈلۈشىچە، ئەنۋەر تۇرسۇن غايە - ئېتىقادىنى يوقاتقان، پارتىيەگە سادىق ئەمەس، سەمىمىي ئەمەس، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوغلى ئۈچۈن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ چوڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن؛ خىزمەت يۆتكەش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجىتىنى باشقىلارغا ئاتچوت قىلدۇرغان، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ پايدا ئېلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ پېيى بازارغا سېلىنمىغان شىركەتنىڭ پېيىغا ئىگە بولغان، سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلغان؛ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلماي، خىزمەت سانلىق مەلۇماتلىرىنى يوشۇرۇشقا، چالا مەلۇم قىلىشقا يول قويغان، سۈكۈت قىلغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، تۈرنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن ھەم مال - مۈلۈك قوبۇل قىلغان؛ نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ، باشقىلارغا مال - مۈلۈك سوۋغا قىلغان.

ئەنۋەر تۇرسۇن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەم پارا ئېلىش، پارا بېرىشكە چېتىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئىنتايىن ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن قەبىھ بولۇپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىقلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا تەتقىق قىلىش ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا سۇنۇپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق، ئەنۋەر تۇرسۇنغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش؛ ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، چېتىشلىق مال - مۈلكىنى دېلو بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.