ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېز سېتىلىشىغا ياردەم بەردى

日期:2020年06月09日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرۋۇناۋ گېزىلىخەۋىرى): 6- ئاينىڭ 4- كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، يۈننەنگە سېتىلغان 17 مىڭ 800 يۈەنلىك 200 كىلوگىرام قارا مور ئوراپ قاچىلىنىۋاتاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى سېتىشتا «ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزى+كارخانا+قىيىنچىلىقى بار ئائىلە» ئەندىزىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى شېڭشى خۇاديەن ئوقەتچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قارا مور سېتىشقا ياردەم قىلغان، بۇ مەھسۇلاتلار ئاساسەن قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر تېرىغان يۇقىرى سۈپەتلىك قارا مور بولۇپ، ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى مال مەنبەسىنى بىرتۇتاش تەشكىللەپ، كۆپ تەرەپلىك بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىشىغا تۈرتكە بولغان.

«قارا مور تېرىقچىلىقى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ مۇھىم تەدبىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئەلا سورتلارنى تۈجۈپىلەپ تاللاپ، كۆپ قېتىم سىناق قىلىش ئارقىلىق ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە ماكانلاشتۇرۇلغان، ھەمدە قارا مور ئاساسەن دېھقانلارنىڭ ئۆيىدىن كەلگەن بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ھېسابلىنىدۇ.» دېدى شېڭشى خۇاديەن ئوقەتچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاۋ دەن.