غەربىي شىمال نېفىتلىكى ئون يىلدا تەمىنلىگەن تەبىئىي گاز 12 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى

日期:2020年06月08日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىما يىنىڭ،ئىختىيارىي مۇخبىرجاڭ جۈنخەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى يېقىنقى ئون يىلدا دۆلەتنى تەمىنلىگەن تەبىئىي گاز 12 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ، ئۇدا ئون يىل نورمىدىن ئاشۇرۇپ سېتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنى 8 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر گاز بىلەن تەمىنلەپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە 3 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر گاز بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەت ئۈچۈن غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەربىي شىمال نېفىتلىكى «تەبىئىي گاز چوڭ تەرەققىياتى» يىرىك پىلانىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە پەرقلەندۈرۈپ ئېچىش تاكتىكىسى ئارقىلىق تەبىئىي گازنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. تەبىئىي گازنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلمىسى خىزمەت تۈزۈمى ۋە بىر قىسىم گاز قۇدۇقلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، كۈنىگە ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان گازنى 5 مىليون 400 مىڭ كۇب مېتىر ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇپ، گازلىقتا سىجىل مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش ۋە گاز بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سېتىشقا قاراپ ئىشلەپچىقىرىشنى بېكىتىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەبىئىي گاز ئېچىش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ يىل غەربىي شىمال نېفىتلىكى 10 مىليون توننىلىق نېفىتلىك، گازلىق قۇرۇشنى پىلانلىدى، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 2 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىردىن 3 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىرغا ئاشۇرۇشنى ھەم يېقىنقى مەزگىلدە تەبىئىي گاز ئىشخانىسى ۋە تەبىئىي گاز تۈر بۆلۈمى قۇرۇشنى پىلانلىدى، تارىم دەرياسى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شۈنبېي ۋە شۈننەندىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بازىسى قۇرۇشنى پىلانلاپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.