بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 2 مىليارد 349 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 5G تورى قۇرۇشنى پىلانلىدى

日期:2020年06月08日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىلى ياڭنىڭ 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ 5G تورى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز 2 مىليارد 349 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 5G تورى قۇرۇشنى پىلانلىغان، 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 4140نى قۇرۇشنى پىلانلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى 1773نى قۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇۋېتىپتۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 5G تورى قۇرۇلۇشى تەرەققىيات بەلگىلىمىسى» ئاپتونوم رايوننىڭ يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېز ئالغا سىلجىتىلىۋېتىپتۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئۇچۇر - ئالاقە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىمارەت خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى»نى ئورتاق ئېلان قىلغان بولۇپ، خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئىمارەت لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا كىرگۈزۈلگەن؛ شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا مەخسۇس خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەزمۇنى كۆپەيتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئاساسىي پونكىتلارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش تەلىپى بويىچە، توك باھاسىدا قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، توك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىكەن.

ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىدە 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى بىرقەدەر تېز بولۇۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدە 5G ئابۇنىچىلىرى 168 مىڭ 600گە يەتتى. نۆۋەتتە تۆمۈريول ئىدارىسى سودا چەمبىرىكى، دوستلۇق سودا چەمبىرىكى، شياۋشىگۇ سودا چەمبىرىكى، جۇڭسەن يولى سودا چەمبىرىكى، خۇاڭخې يولى سودا چەمبىرىكى، مىدۇڭ سودا چەمبىرىكى، نەنخۇ سودا چەمبىرىكى، ئايروپورت لىنىيەسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسى قاتارلىق ئادەم ئېقىمى زىچ سودا رايونلىرى ھەم ئاساسلىق شەھەر رايونىنى بىرتۇتاش قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 5G+كەسىپ ئەمەلىي قوللىنىشىدا كۆپ كۆرۈنۈشلۈك، كۆپ كەسىپ، كۆپ ساھە يۇغۇرۇلغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلدى، 5Gنى ئەمەلىي قوللىنىش ھەم كەسىپتە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېففېكتى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى: شىنجاڭ ھەربىي رايونى باش دوختۇرخانىسى 5G تورىنى قوللىنىپ، تۇنجى يىراق مۇساپىلىك B چاۋ تەكشۈرۈشىنى تاماملىدى؛ دۆلەت ئېلېكتىر تورى 5Gدىن پايدىلىنىپ 360 گىرادۇسلۇق VRدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ چۆكتۈرۈش شەكلىدىكى سەييارە تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ 5G ئاقىل باغچە رايونىدا، سەييارە تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى كۆمۈر كاننىڭ كۆمۈر يەتكۈزۈش زەنجىر تاپىنىنى سەييارە تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ - ئۆلچەش، كان كىرانىنى ئادەمسىز ھەيدەش، قېزىش ماشىنىسىنى يىراق مۇساپىلىك كونترول قىلىش قاتارلىقلار ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يىرىك پىلان بويىچە، 2022 - يىلىغا بارغاندا، مەركىزىي شەھەر رايونىنى 5G تورى بىلەن چوڭقۇر قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇش بىلەن بىللە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شارائىتى بار يېزا - بازار، يېزا، تۇەن - مەيدانلارغا كېڭەيتىلىدىكەن.