ئاپتونوم رايون 5G تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

日期:2020年06月08日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون 5G تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش چۆرىدىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 5G تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلىپ، قۇرۇلۇش داۋامىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە 5G تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تور قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، 5G تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىش، بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش؛ قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش؛ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەبلەغ، يەر، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى كاپالەتنى كۈچەيتىش؛ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي پونكىت ئەسلىھەلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئايلىنىشىنى ياخشى تۇتۇش؛ مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇغۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، 5G چوڭ كەڭ بەلبېغى، تۆۋەن ۋاقىت پەرقى، كەڭ تۇتاشتۇرۇشتەك تېخنىكا ئالاھىدىلىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ 5G ئاقىللىقىدىن پايدىلىنىشىنى پائال كېڭەيتىپ، ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.