ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 29 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

日期:2020年06月06日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 29 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا تەكلىپ كومىتېتى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپ تېمىسى ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش شەكلىگە پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلۇپ، ئالتە نۇقتىلىق تەكلىپ بېكىتىلدى. يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 9 - قېتىملىق ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشقا ئالاقىدار ئىشلار تەتقىق قىلىپ ماقۇللاندى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 9 - قېتىملىق ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش>نى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىشنى قانات يايدۇرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزلىرى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، يۇقىرى سۈپەتلىك چارە - تەدبىر نەتىجىلىرى ئارقىلىق چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى نامايان قىلىش كېرەك. توردا مۇھاكىمە قىلىش، يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى ئارقىلىق، كېڭىشىش يىغىن مەيدانىنى تورغىچە كېڭەيتىپ، ئەزالارنىڭ قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا قولايلىق بولۇش دەرىجىسىنى كۈچەيتىپ، يىغىندا، يىغىن سىرتىدا، توردا، تور سىرتىدا ماس قەدەمدە مۇزاكىرە قىلىدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، توغرا ھەم ئېنىق كۆز قاراشنى تېخىمۇ ياخشى ھاسىل قىلىش، ئەقىل - پاراسەت ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەكلىپ بېرىش سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشتىكى ئەڭ كەڭ، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىل، پارتىيە، ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەرساھە بىلەن ئالاقە باغلاش، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى مۇھىم يول بولۇپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇش - تەكلىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، تەكلىپلەرنى بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش شەكلىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىش بويىچە كېڭىشىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىڭ نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىدىيەۋى قاراشنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە كۆڭۈل قويۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى تەكلىپ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. تەكلىپلەرنى بېجىرىش بويىچە كېڭىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەكلىپ خىزمىتى نىزامىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكلىپ بەرگۈچى، بېجىرگۈچى ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىلىشىشى، پىكىرلىشىشىنى كۈچەيتىپ، تەكلىپلەرنى بېجىرىش بويىچە كېڭىشىش بىلەن توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەكلىپ بېجىرىشكە دائىر كېڭىشىشنى تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ دائىملاشتۇرۇپ ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تەكلىپ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە چىن ھېسسىيات سىڭدۈرۈپ، «تۆتنى تەكشۈرۈش» ئاساسىدا تەكلىپ تۇرغۇزۇشنى كېڭىشىش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، بېجىرگۈچى ئورۇنلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ئەزالارغا خىزمەتنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەپ، تەكلىپ مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى.