نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ئىجرا قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك

日期:2020年06月08日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى

نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ئىجرا قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك

ئىختىيارىي مۇخبىرلارجاڭ پېڭ، ۋاڭ نىڭخەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 20 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، دەل جايىدا نازارەت قىلىپ، پۈتۈن جەرياندا نازارەت قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇشى، پۇختا تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، نۇقتىلىق ھالقىلارنى قاتتىق نازارەت قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي بولۇشى، جەريانىنىڭ پۇختا بولۇشى، نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «قاتتىق» بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي تۈزىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.