سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشۇش توغرىسىدىكى قارارى

日期:2020年05月18日
来源:新疆日报
【字体:

(2020- يىلى 5- ئاينىڭ 7- كۈنى سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 11- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ماقۇللانغان)

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش تاماملىنىدىغان يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن ئاچقان بىر قېتىملىق مەخسۇس تېمىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى. يىغىن مەزگىلىدە، دائىمىي كومىتېتنىڭ بارلىق ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يىغىننىڭ باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرى قىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سالمىقىنىڭ زورلۇقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە يارىتىلدى. بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇتلەق نامراتلىققا ئەڭ ئاخىرقى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى ياڭرىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىڭىتتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 -، 9 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئومۇمىي ھۇجۇمىنى قوزغىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى، يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى شۇنچە مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىش، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش ئۈنۈمى ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش قەدىمىنى تېخىمۇ پۇختىلىشى كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە كۈچ قوشۇش جەھەتتە ھەرىكەتكە كېلىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەۋزەللىكى، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشى، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، سىجىل كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە كۈچ قوشۇش جەھەتتە باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىختىساسلىقلار توپلىنىش، ئەقىل - پاراسەت زىچ مەركەزلىشىشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ۋە خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن سىجىل، مۇقىم قۇتۇلۇشتىكى «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك. ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىي يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، نامرات ئاممىغا قارىتا ئىرادە جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، نامرات ئاھالىنى ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا پائال يېتەكلىشى كېرەك. نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ قوشۇش جەھەتتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كەسىپىي ئارتۇقچىلىقى ۋە ساھە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشى ھەم قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، «نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى» دېگەن ئورتاق تونۇشنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەھەتتە قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەزالارنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشكە، ساھەلەردىكى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە پائال يېتەكلەپ، ئېلىمىزنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تىپىك ئىش ئىزلارنى ياخشى سۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، قەلبىنى ئىللىتىش، خەلقنى مايىل قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ پۈتۈن جەمئىيەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەدەت بېرىدىغان، قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ھەم بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ، ھەم بىر قېتىملىق چوڭ سىناق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى تۈرلۈك دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە بوشاڭلىق قىلماسلىق، مېخانىزمنى ئۆزگەرتمەسلىك، خىزمەتتە بەل قويۇۋەتمەسلىك، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇش، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، «جەزمەن يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىگە تولۇق تىرەك بولۇش كېرەك» دېگەن باش تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، سېلىنمىنى زورايتىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»خىزمىتى ۋە «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا كۈچ قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا كۈچ قوشۇشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ۋەزىيىتى، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش جاسارىتى بىلەن، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى ئېغىر نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.