ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 88 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2020年05月14日
来源:新疆日报
【字体:

5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 88 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باغ - ئورمانچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش، پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باغ - ئورمانچىلىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولىدىغان، ساھەلەر يېتەكلەيدىغان، بازار يېتەكچىلىك قىلىدىغان باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكىسى ئۆلچىمىنى تۈزۈش، تۈزىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلچەمنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى بىلەن تەمىنلەشكە تىرەك بولۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر قاتار يۈرۈشلەشكەن تېخنىكا ئۆلچىمى سىستېمىسىنى تىرەك قىلغان ئۆلچەملەشكەن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تۈر قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، كارخانا، بازا، باغۋەنلەرنىڭ باغ - ئورمانچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان بىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆلچەمنى تەشۋىق قىلىدىغان، ئۆلچەمنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئۆلچەمنى قوللىنىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكىسى ئۆلچىمىنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باغ - ئورمانچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مۇقىم خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىش، باغ - ئورمانچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش، باغ - ئورمانچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىك ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك بايلىق، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ماددىي ئاساسى. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، توپلاش ۋە قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك يىغىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش رايونى، ئۇرۇق ساقلاش مەيدانى، ئۇرۇق پىلازمىخانىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى باھالاپ بېكىتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنىڭ بىرلىككە كەلگەن سالاھىيەت ئۇچۇرىنى باشقۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىدىن يېڭىلىق يارىتىپ پايدىلىنىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە سورتلارنى ئېچىشنى ئاساس قىلغان بىر تۈركۈم ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.