ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 87 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

日期:2020年05月14日
来源:新疆日报
【字体:

5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 87 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ دائىمىي كومىتېت 16 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى (دەسلەپكى لايىھە)» «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇرپان شەھەرلىك، باشئەگىم شەھەرلىك، قوشئۆگۈز شەھەرلىك 1 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشىنى كېچىكتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى (دەسلەپكى لايىھە)» «ئاپتونوم رايوننىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش نىزامى (تۈزىتىلمە دەسلەپكى لايىھە)»نى قاراپ چىقىش ئەھۋالى؛ «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆكەرتىشنى باشقۇرۇش نىزامى» «قاراماي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <قاراماي شەھىرىنىڭ شەھەر - يېزا يىرىك پىلانى نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <كورلا شەھەر رايونىدا ئىت بېقىشنى باشقۇرۇش نىزامى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» «مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مەدەنىي ئىش - ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»نىڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھە)نى تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ۋەكىللەر تەكلىپىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش تەكلىپىنى قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى ئەھۋال ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، يۇقىرىقى قارالمىلار(دەسلەپكى لايىھە) قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت نىزامى(دەسلەپكى لايىھە)»نى قاراپ چىقىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇ نىزام (دەسلەپكى لايىھە)نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەپ ۋە تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېيىنكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندا يەنە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قانۇنى» ھەم «ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش نىزامى» «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى» «ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» ھەم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش، ياۋايى ھايۋانلارنى خالىغانچە يېيىش ناچار ئادىتىنى تۈگىتىش، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارار»ىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى توپلاپ، رەتلەپ، تەرتىپ بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.