مەركەزنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، تەيۋەنگە قاراتقان تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2020年04月25日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايوننىڭ تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى

مەركەزنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، تەيۋەنگە قاراتقان تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەتلەر توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2020 - يىللىق تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەت يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى بويىچە خىزمەتلەر يەكۈنلىنىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، بۇ يىللىق تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم بىرلىك سەپ، تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەت تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنى چۆرىدەش، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەنگە قاراتقان تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، تەيۋەن كارخانىلىرى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدىن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدىن، يېڭى دەۋردىكى تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەتكە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە توسۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى پايدىسىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، شىنجاڭ - تەيۋەن ئىككى جاينىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇپ، قېرىنداشلىق ھېسسىياتىنى يۇغۇرۇپ، قەلبلەرنىڭ تۇتىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. تەيۋەنلىك سودىگەرلەر، تەيۋەن كارخانىلىرىغا بولغان ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، تەيۋەنلىك سودىگەرلەر، تەيۋەن كارخانىلىرىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىپ كىرىشكە يېتەكلەپ، شىنجاڭ - تەيۋەن ئىككى جاينىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، شىنجاڭ - تەيۋەن ئىككى جاينىڭ ئىقتىساد - سودا، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ، ساياھەت، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، تەيۋەنگە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدىلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، شىنجاڭدىكى تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەيۋەنلىك سودىگەرلەر، تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىش ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەتلەرگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سو يۆ، رېن خۇا، ماغاۋ سېيىت قامزا يىغىنغا قاتناشتى.