گۇچۇڭ ناھىيەسى: كۆممىقوناقنى يوپۇقسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى دېھقانلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى

日期:2020年04月21日
来源:天山网
【字体:

گۇچۇڭ، 4- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى ئىختىيارىي مۇخبىر بەي يۈنفېڭ خەۋىرى: 4- ئاينىڭ 12- كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجيېگوۋ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا، تېخى ئەمدىلا تەڭشىلىپ بولغان يوپۇقسىز ھاۋا سۈمۈرۈش شەكلىدىكى قۇرلاپ تېرىش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. بىر تۆشۈككە بىر كۆممىقوناقنى توچكىلاپ تېرىشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئائىلىلىرى ۋە دېھقانلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

بۇ يىل، گۇچۇڭ ناھىيەلىك شىڭنۇڭرۈنيۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى 128 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئالدىنقى قاتاردىكىيوپۇقسىز ھاۋا سۈمۈرۈش شەكلىدىكى قۇرلاپ تېرىش ماشىنىسىدىن بىرنىكىرگۈزدى، يول باشلاش، دەل مىقداردا تېرىش، ئورۇش بىلەن ئوغۇتنى ئايرىش قاتارلىق ئىلغار «بۇلۇت» تېرىش تېخنىكىسى بەنجيېگوۋ بازىرىنىڭ ياۋزەنزە كەنتىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىندى.

گۇچۇڭ ناھىيەسى شىڭنۇڭرۈنيۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لۇ شىڭجۈن مۇنداق دېدى: يوپۇقسىز ئۆستۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىدا سۇلياۋ يوپۇق ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن، مۇھىت بۇلغىنىش ئازىيىپ، كۆممىقوناقنى توچكىلاپ تېرىش توغرىلىق نىسبىتى %100كە يەتتى، بىز كىرگۈزگەن بۇ ماشىنىنى ئاۋۋال ياۋزەنزە كەنتىدە سىناق قىلدۇق.

يوپۇقسىز ئۆستۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ پايدىلانغاندا، تېرىلغۇ يەر بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، مەھسۇلاتتىن سۈپەتلىك ھوسۇل ئېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، دېھقانلارنىڭ سۇلياۋ يوپۇق سېتىۋېلىش ۋە قالدۇق سۇلياۋ يوپۇقنى يىغىش چىقىمىنى ئازايتىپ، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ كۆممىقوناق تېرىقچىلىقىنىڭ «مۇقىم، يېشىل، كۆپ مەنبەلىك» تەرەققىي قىلىشىدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.