ئاپتونوم رايون بويىچە بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلدى

日期:2020年04月20日
来源:天山网
【字体:

بۇ يىل كەنت دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى بويىچە تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىلى چۇنشياخەۋەر قىلىدۇ: «مەن ھەر ئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلالايمەن، سىزنىڭ ماڭا خىزمەت تېپىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.» 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى گۈلئاۋات يېزىسى بوستانتوغراق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھۈسەن زىياۋۇدۇن ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيگە قايتىپ، زۆرەم كامىل بىلەن كۆرۈشكەندە ئارقا - ئارقىدىن رەھمەت ئېيتتى.

زۆرەم بوستانتوغراق كەنتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى پونكىتىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، ئاساسلىقى كەنت ئاھالىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەمكارلىشىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر كەنتتە 5000 مودىن ئارتۇق يەر ئوبوروت قىلىنىپ، 200 ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بار بولدى. «بىز ئەتراپتىكى كارخانىلار ھەم تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى پائال ئۇدۇللاشتۇردۇق، يېقىن ئەتراپتىكى، ئۆز جايىدىكى 140 ئېتىز - ئېرىق پەرۋىشى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئىش ئورنى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، بىر ماشىنىسازلىق جابدۇقلىرى كارخانىسى بىلەن 11 ئىش ئورنىنى ئۇدۇللاشتۇردۇق، ئىككى توقۇمىچىلىق كارخانىسى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، 30 كىشىنى زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەشكە ئەۋەتتۇق.» زۆرەم بۇ ئىشلارنى بەش قولدەك بىلەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، زۆرەمگە ئوخشاش بۇنداق كەنت دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەمچىلىرى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەل جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىش، ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى يېتەكچىلىك باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى جېنجياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، كەنت دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى سۇپىسى قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق مەمۇرىي كەنتلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى سۇپىسى قۇرۇلۇپ، كەنت دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى بويىچە تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە كەنت دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى پونكىتىدىن 8668ى قۇرۇلۇپ، قاپلاش نىسبىتى %95.2كە يەتكەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كەنت دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى پونكىتىدىن 4942سى قۇرۇلۇپ، قاپلاش نىسبىتى %91.9كە يەتكەن، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست(شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)، كوچا (يېزا - بازار)، مەھەللە (مەمۇرىي كەنت)دىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇلغان.

قۇرۇلغان كەنت دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى سۇپىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ يېزىلاردىكى دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، پۈتۈن ئوبلاستتىكى 473 مەمۇرىي كەنتنىڭ ھەممىسىدە مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇپ، ياردەمچى سەپلىنىپ، كەنتكىچە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇچۇر تورىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلدى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا، كەنت دەرىجىلىك مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەشۋىقات ئاپتوموبىلى، بازار كۈنىدە تەكلىپ قىلىش قاتارلىقلارنى دائىملاشتۇرۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدىغان ئىش ئورنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلدى.

«ھازىر، قۇرۇلغان كەنت دەرىجىلىك مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.» لى جېنجياڭ مۇنداق دېدى: كەنت دەرىجىلىك مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما «سىياسەتنى سۈرۈشتۈرۈشتە كەنتتىن چىقماسلىق، خىزمەت ئىزدەشتە كەنتتىن چىقماسلىق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇشتا كەنتتىن چىقماسلىق، كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىشتا كەنتتىن چىقماسلىق»نى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا خادىم سەپلەش، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق مەخسۇس يېتەكچىلىك قىلىپ، كەنت دەرىجىلىك مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنىڭ %100كە يېتىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتلەردىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى خىزمىتى پونكىتىدىكى ياردەمچىلەرنى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي ساپاسى، سىياسەت سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت كەسپىي مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇللۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىكەن.