تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مەجبۇرەن كۆچەت تىكىلىپ يېڭى يېشىللىق بەرپا قىلىندى

日期:2020年04月20日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىليۇ دۇڭلەيخەۋەر قىلىدۇ: «بىزنىڭ بۇ يەردە كۆچەت تىكىشتە، كەنت ئاھالىلىرى ئاكتىپ!» 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى تېچاڭگوۋ بازىرى تىيانشان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ما جيەنلىن مۇنداق دېدى: «كەنتىمىز خاشيۇڭگوۋ مەنزىرە رايونىغا يېقىن، كۆپچىلىك مۇھىت ياخشىلانسا ھەميېنىنىڭ تومپىيىدىغانلىقىدەك داۋلىنى بارغانسېرى چۈشەندى.» كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 2000 تۈپتىن ئارتۇق يېڭى تىكىلگەن كۆچەتتىن شەكىللەنگەن ئورمان بەلبېغىغا قارىسىڭىز، دېھقانلار ئارامگاھلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋىۋىسكىلىرىنى ئېنىق كۆرەلەيسىز.

ئەتىياز پەسلىدىكى يېشىللىققا پۈركەنگەن پەيتتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەتىياز پەسىللىك مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا. ھازىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 390 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە قاتنىشىپ، 4 مىليون تۈپكە يېقىن كۆچەت تىكتى.

مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئالدى بىلەن ئىشىك ئالدىدىن باشلاندى. تىيانشان كەنتىگە ئوخشاش، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە نەچچە يۈز كەنت مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش بىلەن كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈردى، پارچە - پارچە يېڭى يېشىللىق كەنت يولى يېنىدا، ھويلا تېمىنىڭ سىرتىدا بەرپا بولماقتا. «نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 546 كەنت كۆكەرتىلدى، گۈزەللەشتۈرۈلدى، كۆكەرتىلگەن كۆلەم 13 مىڭ 500 موغا يەتتى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ جيەنمىڭ.

شەھەرمۇ بارغانسېرى گۈزەللەشمەكتە. مەجبۇرەن كۆچەت تىكىلىپ، بىر پارچە يېڭى يېشىللىق ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئەنەنچۈي بازىرىدا ئاستا - ئاستا بارلىققا كەلدى. «بۇ يىل بىز تاللىغان يېشىل ئۆسۈملۈكنىڭ ھەممىسى باغ - ئورمانچىلىق، كۆكەرتىشتە ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقى ياخشى، رەڭگى خىلمۇخىل سورت بولۇپ، ئالتۇن يوپۇرماقلىق قارىياغاچ، قىزىل يوپۇرماقلىق تاشئالما، چوڭ يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن، سېرىق ئاناناس قاتارلىقلار بار، شەكىللىك شارسىمان چاتقالدىن مەنزىرە دەرىخىغىچە، ئاندىن ئىھاتە ئورمىنىغىچە، قاتلاملىرى ئېنىق، رەڭگى ئوچۇق.» ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) باغ - ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆكەرتىش - ئاسراش بۆلۈمىنىڭ كادىرى جاۋ يۈشۈەن مۇنداق دېدى: «كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز مەخسۇس سەككىز سۇغىرىش ئاپتوموبىلى سەپلەپ، ۋاقتىدا سۇغاردۇق».

ئىلگىرىكى مەركەزلىك كۆچەت تىكىش بۇ يىلقى تارقاق كۆچەت تىكىش ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ كۆچەت تىكىشكە ئۆزگەرتىلدى، كىشىلەر مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ كۆچەت تىكىش شەكلىنى قوللىنىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇردى. ئەنەنچۈي بازىرىدا كۆچەت تىككەندە، كىشىلەر تەبىئىيلا ئارىلىق قالدۇردى، يەنە ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن دېزىنفېكسىيەلەشنى ئۇنتۇماسلىقنى ئۆزئارا ئەسكەرتىشتى.

كەنت ۋە شەھەردىن ئايرىلىپ، يىراققا سوزۇلغان يولدىمۇ، يەنە كىشىلەرنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆرگىلى بولاتتى. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئۆلكە يولى 313 - لىنىيەسىنىڭ جەنۇبىدا، 16 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت 414 مو قاقاسلىقنى يېشىللىققا پۈركىدى. تۇرپان - ئۈرۈمچى - داخۇاڭشەن تاشيولىنىڭ مىدۇڭ رايونى گۇمۇدى بازىرى لىنىيەسىدە ئاھالە گۇەن ۋېنچياڭ بىر تۈپ ئەرمۇدۇن دەرىخى تىكتى. «باھار كەلدى، بىر تۈپ كۆچەت تىكسەك، كۆچەتنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئۈمىدىمىزنىڭمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز».

«مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش ئىزچىل تۈردە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەتىيازلىق ئورمان بىنا قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلدى.» ياڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يىل يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى>غا بىرلەشتۈرۈپ، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش كۆلىمىنى ئاشۇرىمىز».