ئاپتونوم رايونىمىز ئېنېرگىيەدىن يېشىل پايدىلىنىش تىپىنى ئۆزگەرتىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى

日期:2020年04月20日
来源:天山网
【字体:

پاكىز ئېنېرگىيە توك تارقىتىش گېنېراتورىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆت ئۈلۈشتىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىچېن چياڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىخۇ پېيگېننىڭدۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيەدىن يېشىل پايدىلىنىش تىپىنى ئۆزگەرتىش سۈرئىتىنى تېزلەتكەن. 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 36 مىليون 971 مىڭ 300 كىلوۋاتقا يېتىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %40.15ىنى ئىگىلىگەن.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 19 مىليون 751 مىڭ 300 كىلوۋات، فوتوۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 10 مىليون 266 مىڭ كىلوۋات، سۇ ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 6 مىليون 954 مىڭ كىلوۋات ئىكەن. شىنجاڭدا پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تارقىلىشىدا ئومۇميۈزلۈك جايلىشىش، رايون تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىك نامايان بولغان، شەرقىي شىنجاڭ تەۋەلىك رايونىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 16 مىليون 375 مىڭ 800 كىلوۋات بولۇپ، شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش ئاساس قىلىنغان؛ جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەلىك رايونىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 6 مىليون 886 مىڭ 400 كىلوۋات بولۇپ، فوتوۋولتتىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش ئاساس قىلىنغان؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 13 مىليون 709 مىڭ 100 كىلوۋات بولۇپ، ھەر خىل تىپلار ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولغان.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ۋە پاكىز ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىشى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. قومۇل شەھىرى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇشقا كۈچەپ، 10 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر بازىسى ۋە مىليون كىلوۋاتلىق فوتوۋولت بازىسى قۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە پاكىز ئېنېرگىيە توك تارقىتىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى قومۇل ئېلېكتىر تورى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %64.42ىنى ئىگىلىدى؛ ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېشىل ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى، پاكىز ئېنېرگىيە توك تارقىتىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئالتاي ئېلېكتىر تورى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %90.67ىنى ئىگىلىدى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى سۇ بايلىقى مول بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سۇ ئېلېكتىر تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، پاكىز ئېنېرگىيە توك تارقىتىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئىلى ئېلېكتىر تورى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %47.17ىنى ئىگىلىدى. تۇرپان شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى شۇ جايدىكى ئېلېكتىر تورى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

پاكىز ئېنېرگىيە توك تارقىتىش گېنېراتورى كۆلىمىنىڭ سىجىل كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى يانداش ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ رايون، ئۆلكە ھالقىغان بازار سودىسىغا تۈرتكە بولۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستېمال بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئاشۇردى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تۈرلۈك ئېلېكتىر مەنبەلىرىدىن توك تارقىتىش پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇۋاپىق ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، سىستېمىنىڭ يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سەپلەشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۆز جايىنىڭ ئىشلىتىشىنى ئىلگىرى سۈردى، نۆۋەتتە جەمئىي سەپلىمە توك مىقدارىدىن 24 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەتنى ئىشقا ئاشۇردى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى ئىچكى قىسىمدا تەمىنلەش تۆت ھالقىلىق تورى، سىرتقا يەتكۈزۈش تۆت يولىدىن ئىبارەت ئېلېكتىر تورى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 25 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى. بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 77 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەت پاكىز ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزدى، بۇ، 24 مىليون 730 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى ئاز كۆيدۈرگەنگە، 66 مىليون 770 مىڭ توننا كاربون Ⅳ ئوكسىدى، 21 مىڭ توننا گۈڭگۈرت Ⅳ ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.