جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ باھار مەنزىرىسى گۈزەل  ئېتىزلاردا دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئالدىراش

日期:2020年04月20日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا تۈرلۈك دېھقانچىلىق ئىشلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان دېھقانلار ۋە بېرىلىپ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان تېخنىكلار دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئەتىيازلىق پەرۋىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇل ئۈمىدىنى ئىللىق باھار نۇرىدا چاچتى.

تېخنىكا مۇلازىمىتى ئارقىلىق بۇغداينىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىشىگە ياردەم بېرىش

زىرائەتلەرنىڭ ئوخشىغان - ئوخشىمىغانلىقى پۈتۈنلەي ئوغۇتقا باغلىق. 4 - ئاي بۇغداينىڭ ئېتىز پەرۋىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، مەكىت ناھىيەسىنىڭ غازكۆل يېزىسى لايلىق پاختىلىق كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا، بىر نەچچە چاقلىق دورا پۈركۈش - ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنا گويا زۇمرەتتەك دولقۇنلار ئارىسىدا ئاستا - ئاستا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كېمىدەك، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئۈمىدىنى ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتاتتى.

كەنت ئاھالىسى مامۇت قاۋۇللا يەر تېرىشنىڭ ماھىرى. 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۇ خوتۇنى بىلەن ئېتىزغا بېرىپ بىر تەرەپتىن ماشىنىدا يەرنى ئوغۇتلاشنى ساقلاپ، بىر تەرەپتىن ئېتىزدىكى ياۋا ئوت - چۆپلەرنى ئوتىدى. «ھازىر بۇغداينىڭ غول تارتىشى كۈندىن - كۈنگە ئوخشىمايدۇ، ئوت - چۆپلەرمۇ چىقىشقا باشلىدى، ئورۇپ ئۆيدىكى توخۇلىرىمىزغا يەم قىلىشنىڭ ئوبدان پەيتى» دېدى ئۇ.

بۇ يىللىق بۇغداينىڭ مەھسۇلات مىقدارىغا قارىتا مامۇتنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشقانىدى. ئۇ ئۈچ تۈپ بۇغداي مايسىسىنى يۇلۇپ ئېلىپ، ئىنچىكە - توملۇقى ئوتتۇراھال بىر تۈپنى تاللاپ تۈپ ئاچىمىقىنى سانىدى، بۇغداي مايسىسىنىڭ تۈپ ئاچىمىقى قانچە كۆپ بولسا، بۇغداينىڭ مەھسۇلات مىقدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

«بۇ يىل يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، بۇغداينىڭ ئەتىياز پەسىللىك پەرۋىشىگە دەخلى يەتمىدى، مۆلچەرلىشىمچە، بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن %10 ئەتراپىدا ئاشىدۇ» دېدى مامۇت. ئۇنىڭ بۇنداق تولۇق ئىشەنچ قىلىشى دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنىڭ دائىم ئىشىك ئالدىغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇغداينىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىش ئىشلىرىنىڭ بارغانسېرى ئىلمىيلەشكەنلىكىدىن بولدى.

قەشقەر ۋىلايىتىدە ھازىر 3 مىليون 245 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي بار، كۈزگى بۇغداي 3 - ئايدىن باشلاپ كەينى - كەينىدىن كۆكىرىشكە باشلىدى، دېھقانچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تېخنىكلار ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنىڭ بۇغدايلارنى سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، پەرۋىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى. كەڭ دېھقانلار يەنە APP، ئۈندىدار توپى، تېلېفون، تور، سىن قاتارلىقلار ئارقىلىق بۇغداي قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىش تېخنىكىسى توغرىسىدا تېخنىكلاردىن خالىغانچە مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. نۆۋەتتە ھەرقايسى يېزا - بازارلار سۇ مەنبەسىنى تەقسىملەپ، بىرىنچى سۈيىنى، ئىككىنچى سۈيىنى سۇغىرىشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇۋاتىدۇ ھەم سۇغىرىش، ئوغۇتلاش پەرۋىشىنى، بۇغدايلىقتىكى ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش قاتارلىق ئەتىيازلىق پەرۋىش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ.

ئىلمىي پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق كېۋەز مايسىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

«كېۋەز مايسىسىنىڭ ئۈنۈپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ، تەشۋىشلىنىۋاتقان كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى.» 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاقسۇ شەھىرى قارا تال بازىرى قازاق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى توختى سەمەت ئېتىزغا بېرىپ كېۋەز مايسىسىنىڭ ئۈنۈپ چىقىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، ئۇ يەنە توپا - توزانلىق ھاۋارايىنىڭ كېۋەز مايسىسىنىڭ ئۈنۈپ چىقىش نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى.

توختى كېۋەز تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، ھەر يىلى 100 مو ئەتراپىدا كېۋەز تېرىيدۇ، بۇلتۇر كېۋەز تېرىشتىن قىلغان كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى، يانچۇقى تومپىيىپ بۇ يىل ئۇنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۇ كېۋەزنى بىر تۆشۈككە بىر تال ئۇرۇق سېلىپ تۈجۈپىلەپ تېرىشنى قوللاندى. توختىنىڭ ئېيتىشىچە، تېرىش ھالقىسىدا ئىلمىي، قېلىپلاشقان بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، پەرۋىش ھالقىسىدىمۇ ئارقىدا قالسا بولمايدىكەن، يېڭىدىن ئۈنۈپ چىققان كېۋەز مايسىلىرىغا قارىتا، ئۇ يوپۇق يۈزىنى تازىلاشقا باشلاپ، يوپۇق يۈزىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلىغان ھەم ئىككىنچى قېتىم تولۇقلاپ تېمىتىپ سۇغىرىشقا باشلاپ، مايسىنىڭ تولۇق ئۈنۈپ چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

ئاقسۇ ۋىلايىتى يىلدا كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى 7 مىليون 500 مىڭ مو ئەتراپىدا ساقلاپ كەلدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خۇا ۋېيجيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مايسىلارنى تولۇق ساقلاپ، مايسىلارنىڭ تىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېۋەزدىن مول ھوسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دېھقانلارنى ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، كېۋەز مايسىسىنىڭ ئۈنۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا تولۇقلاپ تېرىشقا تەشكىللىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخنىكلارنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ھەم ئېتىزدا تەربىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ كېۋەز مايسىلىرىنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى داۋامىدا يولۇققان بەزى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى.

«كېۋەز مايسىلىرىنىڭ ئۈنۈش مەزگىلىدە دائىم قاتتىق بورانلىق ھاۋارايى جەريانى كۆرۈلۈپ، بوران ئاپىتى كېۋەزنىڭ نورمال بىخ چىقىرىپ ئۈنۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا كېۋەز مايسىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ھەتتا قۇرۇتۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، دەل ۋاقتىدا كېۋەزنى تەكشۈرۈپ، سولياۋ يوپۇقنىڭ چىڭ باستۇرۇلغان - باستۇرۇلمىغانلىقىنى، يوپۇق تۆشۈكچىلىرىنىڭ ئېچىلىپ قالغان - قالمىغانلىقىنى ياكى يوچۇقلارنىڭ ھىم ئېتىلگەن - ئېتىلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ۋاقتىدا ئادەم كۈچى بىلەن توپا كۆمۈش كېرەك» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ليۇ رۇڭسېن.

باغ - ئورمان ئۆلچەملىك پەرۋىشى بىلەن تولۇق قاپلاش

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى لوپ ناھىيەسىنىڭ ناۋا يېزىسى ناۋا كەنتىدىكى بىر پارچە ياڭاقلىقتا ئېكولوگىيە ئورمىنى مۇھاپىزەتچىسى مەرەمنىسا ئابدۇقادىر باغۋەنلەرنىڭ ياڭاق شاخلىرىنى شالاڭلىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. بۇلتۇر 5 - ئايدا، ئۇ ئېكولوگىيە ئورمىنى مۇھاپىزەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىن، كىرىمى ئېشىش بىلەن بىللە، ياڭاق دەرىخىنى چاتاش، شاخلارنى شالاڭلىتىش قاتارلىق پەرۋىش تېخنىكىسىنىمۇ ئۆگىنىۋالدى. بۇ يىل ياڭاقنى ئەتىيازلىق پەرۋىش قىلىشتا، ئۇ ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىدىغان تېخنىك بولدى.

مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئەتىيازلىق پەرۋىش قىلىشقا كەلگەندە، مەرەمنىسانىڭ تەسىراتى ناھايىتى چوڭقۇر. ئۇ ئېكولوگىيە ئورمىنى مۇھاپىزەتچىسى بولۇشتىن ئىلگىرى، مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىشتا بىلىدىغانلىرى چاغلىق ئىدى، باشقىلار قانداق قىلسا ئۇمۇ شۇنداق قىلاتتى، ئۆزى قانچىلىك بىلسە شۇنچىلىكلا پايدىلىنالايتتى. ھازىر، شۇ جايدىكى باغ - ئورمان مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قايتا - قايتا تەربىيەلىشى، «يەرلىك مۇتەخەسسىسلەر»نىڭ قايتا - قايتا يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىلىق، ياڭاق تېرىقچىلىقىنىڭ پۈتۈن جەريانىدىكى تۈرلۈك تېخنىكىلار ئۇنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتتى.

«ئادەتتىكى دېھقانلارنىڭ باغ - ئورمانلارنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىش ئاكتىپلىقىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ، ئىلگىرىكى ئۇلاش، چاتاشنى خالىماسلىقتىن، ھازىرغا كەلگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىدىغان، قاتنىشىدىغان بولدى، كۆپچىلىك باغ - ئورمانلارنىڭ ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدى، شۇڭا ئەتىيازلىق پەرۋىش قىلىشتىكى ھەرقانداق بىر ھالقىغا سەل قاراشنى خالىمايدىغان بولدى» دېدى مەرەمنىسا.

بۇ يىل لوپ ناھىيەسى باغ - ئورمانلارنى پەرۋىش قىلىش جەريانىدا، «بەش تور يېيىش شەكلى» بويىچە ئۆلچەملەشكەن پەرۋىش قىلىشنى يولغا قويدى، يەنى تور يېيىش شەكلىدە ئۇلاپ ياخشىلاپ ئەلالاشتۇرۇپ، تور يېيىش شەكلىدە شەكىلگە كەلتۈرۈپ چاتاپ، تور يېيىش شەكلىدە سۇغىرىپ، ئوغۇتلاپ، پەرۋىش قىلىپ، تور يېيىش شەكلىدە كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تور يېيىش شەكلىدە شالاڭ - زىچ كۆچۈرۈپ تىكىپ، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىجاڭ جىلى، خەن چىنيەن، پەرىزات ئابدۇل، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ خۇڭۋېن)