قورغاس شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ مېۋە - كۆكتات ئېكسپورت پورتىغا ئايلاندى

日期:2020年04月20日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىچېن چياڭۋېينىڭئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 - پەسىلدە، قورغاس پورتىدا 19 مىڭ 600 توننا مېۋە - كۆكتات ئېكسپورت قىلىنىپ، مال قىممىتى 171 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇ، شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ مېۋە - كۆكتات ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %59.21ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ مېۋە - كۆكتات ئېكسپورت پورتىغا ئايلانغان.

2019 - يىلى، قورغاس پورتى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە يېشىل يول ئېچىپ بەردى، ئېكسپورت قىلىنغان مېۋە -كۆكتاتلارنىڭ مىقدارى تەدرىجىي ئېشىپ، تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

«شىركىتىمىز ھازىر ئېكسپورت قىلىۋاتقان مېۋە - كۆكتاتلاردىن ئاساسلىقى لازا، شوخلا، سەۋزە، ئالما قاتارلىقلار بار، ھەر كۈنى جەمئىي 100 توننا ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، بۇ مېۋە - كۆكتاتلار بىر كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قازاقىستانغا يەتكۈزۈلىدۇ. گەرچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شىركىتىمىزنىڭ 1 - پەسىلدىكى ئېكسپورت مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ئىچى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان زاكازلارنى تولۇقلاپ قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز بار» دېدى قورغاس پورتىدا مېۋە - كۆكتات ئىمپورت - ئېكسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەر يۈ چېڭجۇڭ.

ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىدا مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارغا بولغان ئېھتىياج ئۈزلۈكسىز ئاشقاچقا، نۇرغۇن ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ قورغاسقا ماكانلاشتى. بۇ كارخانىلار شەنشى، گۇاڭشى، گەنسۇ قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ماللارنى يىغىپ، سۈپىتى ياخشى جۈزە، ئالما، لازا، خاڭگا، شوخلا، موگۇ قاتارلىق مېۋە - كۆكتاتلارنى ئامبارغا توشۇپ، ئايرىپ ئاپتوموبىلغا قاچىلىغاندىن كېيىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەرلىك مېۋە - كۆكتاتلىرى بىلەن بىللە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىپ، ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش، تاشقى جەھەتتە ئالاقىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مېۋە - كۆكتات ئېكسپورتىنىڭ خەلقئارالىق رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

يۇقۇمنىڭ مېۋە - كۆكتات ئېكسپورتىغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، قورغاس شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، قورغاس تاموژنىسى شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلار قاراتمىلىق ھالدا كارخانىلارنىڭ يۈك قاچىلاش - چۈشۈرۈشتە ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك، تىرانسپورت راۋان بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرىنى تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈشكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلدى. قورغاس تاموژنىسى ئېلان تاختىسى، كارخانىغا ئالاقىدار ئالاقە توپى شۇنداقلا نەق مەيدانغا بېرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تەۋەلىك رايونىدىكى مېۋە - كۆكتات ئېكسپورت كارخانىلىرىغا تەشۋىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە بىرمۇبىر يېتەكچىلىك قىلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، مېۋە - كۆكتات ئېكسپورتىنىڭ كېڭىيىشىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.