ناچار ھاۋارايى سەۋەبلىك ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدا كۆپلىگەن نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ياكى كېچىكتۈرۈلدى

日期:2020年04月13日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزلۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرجوۋ لىجۈنخەۋىرى): 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى بوران، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، ئاقسۇدىنشىنجاڭ ئىچى-سىرتىغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى كېچىكتۈرۈلگەن.

4-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 22دىن باشلاپ، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىبوران، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئايرودۇرۇمداكۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، ئايرودۇرۇمغا كىرىپ-چىقىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېچىكتۈرۈلگەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 4-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 17گىچە، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدا سەككىز نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلگەن، ئالتە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ئاقسۇ ئايرودۇرۇمى خىزمەتچىلىرى يولۇچىلارغا شۇنداق ئەسكەرتىدۇ: يولۇچىلار سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەپ، سەپەرگە چىقىش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قارىتا، يولۇچىلار سۈرۈشتۈرۈش تېلېفونى 2541861-0997 ئارقىلىق ياكى ھەر قايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تېلېفونى ئارقىلىق مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.