بىر ئاغرىقنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملارغا يازغان رەھمەت خېتى

日期:2020年02月27日
来源:天山网
【字体:

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارغا:

قەلبىمدىكى بارلىق سۆزلىرىمنى بىر ئېغىز سەمىمىي رەھمىتىمگە مۇجەسسەملەيمەن، سىلەرنىڭ كەسكىنھۆكۈمىڭلار، ئۆتكۈر كۆزۈڭلارغا رەھمەت، مەسئۇلىيىتىڭلارنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇستەھكەم تۇرۇۋاتقىنىڭلارغارەھمەت، سىلەرنىڭ 24 سائەت چىڭ تۇرغىنىڭلار ۋە ھەمراھ بولغىنىڭلارغا رەھمەت، ھال-ئەھۋال سوراپ كۆيۈنۈپ تۇرغىنىڭلارغا رەھمەت...

تاماق ئەكىلىپ بېرىش، تەكشۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، تازىلىق قىلىش، دورا ئىچىشنى ئەسكەرتىش، ئەھۋال سوراش، ھەتتا بىزگە ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىپ، ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىش... بارلىق دوختۇر ۋە سېسترالار ئائىلىمىزدىكىلەرگە ئوخشاش بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزنى رىغبەتلەندۈردۈڭلار، بىزگە ئىشەنچ بېغىشلاپ، ھەممە ئىشنىڭ ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى، باھارنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتتىڭلار.

سىلەر ئەزەلدىن بىرەر ئاغرىقتىن ۋاز كېچىپ باقمىدىڭلار، جان كۆيدۈرۈپ ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، ھەر بىر ئايرىش رايونىدىكى ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىڭلار. خىزمەت جەريانىدا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرگە ئۇچرىدىڭلار، ھەتتا بەزىلەر چۈشەنمىدى، ماسلاشمىدى، ئەمما سىلەر ئەزەلدىن ۋاز كەچمىدىڭلار، ۋىرۇسنىڭ ھەددىدىن ئاشىدىغانھەرقانداق ئېھتىماللىقىغا يول قويمىدىڭىلار.

سىلەرنىڭ قارشى يۆنىلىشتە ماڭغان سىمايىڭلار بولغاچقىلا، خەلقنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى قوغدالماقتا؛ سىلەرنىڭ قەتئىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆزۈڭلار بولغاچقىلا، يۇرت-ماكانىمىزنىڭ تۇپرىقىقوغدالماقتا. سىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن، رەھمەت سىلەرگە! جاپا چەكتىڭلار!

باھار كېلىپگۈللەر ئېچىلىپ، ۋىرۇس يۇقىلىدىغانكۈنلەرنىڭ بالدۇرراق يېتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىرىنچى سەپتىكى ئۇزاق ۋاقىت ئۆيگە قايتالمىغان بارلىق جەڭچىلەرنىڭ بالدۇرراق ئۆيىگە قايتىپ جەم بولۇش تامىقى يېيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جاپا چەكتىڭلار !

چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتقۇچى بىر ئاغرىقتىن

2020-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى