يۇقۇمغا زەربە بېرىش، ھەمكارلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش: شىنجاڭدىكى ھەر ساھە بەس-بەستە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى

日期:2020年01月31日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلاريۈ شى، چاۋ جىن، فۇ شياڭلوڭ، رېن خۇا خەۋىرى): تۇيۇقسىز كەلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، شىنجاڭدىكىجەمئىيەتنىڭ ھەرساھەسىدىكىلەر ئاكتىپلىق بىلەن پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا زەربە بەردى.

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىرلىكتە جەمئىيەتتىن ئىئانە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغاندىن كېيىن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرى، ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. 1-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، جەمئىي تاپشۇرۇۋېلىنغان پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم 5 مىليون 906 مىڭ 100 يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىئانەپۇل 2 مىليون 506 مىڭ 100يۈەن، ماددىي ئەشيانىڭ قىممىتى 3 مىليون 400 مىڭ يۈەن. بونا كىنوچىلىق گۇرۇھى بىر مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى. شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كىنوچىلىق كارخانىسى بولغان بونا كىنوچىلىق گۇرۇھى «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى»، «مېكون دەرياسى ھەرىكىتى»، «جۇڭگولۇق ئايروپىلان باشلىقى» قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر كىنولارنى ئىشلىگەن، بۇ كىنولار كىشى قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ئالقىشىغا سازاۋەر بولغانىدى. «بىز كىنو ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇلۇغ دەۋرىمىزنى مەدھىيەلەپ، ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىپ، جەمئىيەتتە ئاكتىپ كۈچ تارقاتتۇق، ئوخشاشلا ئاكتىپ كۈچ ئارقىلىق يۇقۇمغا زەربە بېرىپ، پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئاكتىپ ئادا قىلىشىمىز كېرەك» دېدى بونا كىنوچىلىق گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى يۈ دوڭ.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى پېنسىيەگە چىققان دوختۇر موللاشېرىپ غاپپار ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئارقىلىق5000 يۈەن ئىئانە قىلدى، ئۇ: «ئۆزۈم گەرچە 1-سەپتە تۇرۇپ يۇقۇمغا زەربە بېرەلمىسەممۇ، بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىشىم كېرەك» دېدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك «1-ئاۋغۇست» ئوتتۇرا مەكتىپى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ5-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى لۇەن شياۋتېڭ چاغانلىق يىغقان 1000 يۈەن پۇلىنى ئىئانە قىلدى؛ خوتۇنى سەۋەبلىك ئىلگىرى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئىئانىسىنى قوبۇل قىلغان 62 ياشلىق ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى قادىر يۈسۈپنىڭ تۇرمۇشى ئانچە باياشات بولمىسىمۇ، يەنىلا 1000 يۈەن ئىئانە قىلدى.

ئالتاي ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر دورا ياساش كارخانىسى بولغان شىنجاڭ رۇڭچېڭ خاكې دورا ياساش چەكلىك شىركىتى تۇنجى تۈركۈمدە 600 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىدىن 200 يەشىك ئىئانە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق بۆلۈمىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، بۇ دورىلار ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىغا تارقىتىلىپ، يۇقۇمغا زەربە بېرىش خىزمىتىنى قوللايدۇ. «تۇيۇقسىز كەلگەن يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا، بىز كەڭ پۇقراۋىي كارخانىلار قوللاشتا ئاكتىپ ئالدىدا تۇرۇپ، بەس-بەستە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك» دېدى شىنجاڭ رۇڭچېڭ خاكې دورا ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى دىڭ رۇڭچېڭ.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دا ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇمغا زەربە بېرىشكە دائىر تەسىرلىك ئىشلار ئىنتايىن كۆپ. 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى تيەنياۋ ۋېييې ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى تۇنجى تۈركۈمدە 15 مىڭ 750 دانە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماسكىسى سېتىۋالدى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت 2-تۈركۈمدىكى مۇداپىئە كىيىمى، مۇداپىئە كۆزەينىكى، ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق تىمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى 1-سەپتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملارنى تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولدى؛ 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، بۇ رايوندىكى كارخاناخاۋجيەنكاڭ تېببى دورا شىركىتى مەھەللە كومىتېتىغا 1000 دانە ماسكا، بىر يەشىك بەنلەنگېن ۋە دېزىفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىئانە قىلدى؛ 1-ئاينىڭ 28-كۈنىۋەنتەي ياڭگۇاڭ شەھەرچىسىدىكى ئاق كۆڭۈل تىجارەتچى ۋاڭ جۈن ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، قىسىمدىن چېكىنگە بىرھەربىي ساقچىخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكىدىن 1800نى ئىئانە قىلدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى، پىدائىيلار ھەرىكەتتە. 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، پىدائىي ۋۇ جۇڭلى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگەداۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلىش تەشەببۇسىنى چىقاردى. بىر سائەتتىن كېيىن، شۆ خاۋۋېن ئىسىملىك بىر تىجارەتچى 100گە يېقىن ماسكا ئەكىلىپ بەردىۋەمال مەنبەسى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى، ئۇلانباي جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمەت مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىشى ئۈچۈنيەنە 1000 دانە مۇداپىئە ماسكىسى ئىئانە قىلىدىغانلىقىنىئېيتتى. «بۇ ئىككى كۈندە، نۇرغۇن كىشىلەرپىدائىيلار ئەترىتىمىزگە قوشۇلۇپ، يۇقۇمغا زەربە بېرىشكە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بىز ئىنتايىن تەسىرلەندۇق» دېدى ۋۇ جۇڭلى.

1- ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خۇڭمياۋزى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنتوڭ مەھەللىسىدىكى 82 ياشلىق ئاھالە يۇڭ جىنفاڭ 2000 يۈەن پۇلنى مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گاۋ فېڭنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. «مەھەللە كادىرلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلاش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ بەك جاپا چەكتىڭلار، بۇ 2000 يۈەنگەماسكا قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىڭلار، خىزمەت ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ، ئۆزۈڭلارنى ياخشى قوغداڭلار» دېدى يۇڭ جىنفاڭ. شۇجى گاۋ فېڭ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى يوڭ جىنفاڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، تەسىرلەنگەن ھالدا: «بۇنچىۋالا كۆپ ئاھالە ئاكتىپ قوللاۋاتقان يەردە، بىزنىڭ بۇيۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش جېڭىدە يېڭىشكە ئىشەنچىمىز كامىل» دېدى.