«بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز

لوپ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇراپ توختى

日期:2018年12月26日
来源:新疆日报网
【字体:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «مىللەت» «دىن»نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، دىنىي تەلۋىلىك پەيدا قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زور زىيان سېلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم، ئىناق ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىز باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، پائال دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇشىمىز كېرەك.

«بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق يۇرت- ماكانى ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. شىنجاڭ رايونى قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ھەرقايسى مىللەتلەر شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش، قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ھەدەپ سەپسەتە تارقىتىپ، تارىخنى بۇرمىلىدى، ئۇلارنىڭ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىكى، ئەخمەقلىقىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ. بىز ھەربىرىمىز شۇنى چوقۇم ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى، بىزنىڭ بەختىمىزنى ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئورتاق ياراتقان! بىز چوقۇم «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى سۇيىقەستى ۋە رەزىل غەرىزىنى ئېنىق تونۇشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس پاكىز تۈگىتىپ، پاكىز تازىلاپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

«بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، ھەدەپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، ئاشۇ خاتا، ئەكسىيەتچىل ئىدىيەلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتى مەدەنىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئايرىۋېتىشكە، مىللىي ھېسسىياتنى جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بىلەن قارمۇقارشى قىلىپ قويۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بىز چوقۇم كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن تارىخىي پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىللىك كۆچۈش، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن. ھەرقايسى مىللەتلەر شىنجاڭ رايونىدا ئۇزاق مۇددەتلىك كۆپىيىش- يېتىلىش، پارچىلىنىش، قوشۇلۇش جەريانىدا، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولغان، بار- يوقنى تەڭ كۆرىدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن.

«بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يامان غەرەزدە بولۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە خەلقنىڭ بەختىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ جىنايىتى چېكىدىن ئاشتى، جىنايىتىنى ھەرگىز كەچۈرگىلى بولمايدۇ. بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى. بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئەجەللىك زەربە بېرىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىناق ئۆتىدىغان، بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان، ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك.