ئاپتونوم رايون سىياسىي - قانۇن تارماقلىرى يۈرۈشلۈك ئاق تاشلىق كىتابنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

日期:2019年11月19日
来源:新疆日报
【字体:

يېقىندا، ئاپتونوم رايون سىياسىي - قانۇن تارماقلىرى «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى» «شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى» ئاق تاشلىق كىتابنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايون سىياسىي - قانۇن كادىرلىرىدىن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاڭنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىدارنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خىزمەتنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۈرۈشلۈك ئاق تاشلىق كىتابنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون سىياسىي - قانۇن ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون سىياسىي - قانۇن كادىرلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يۈرۈشلۈك ئاق تاشلىق كىتابنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شىنجاڭ خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بىلەن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. سىياسىيدا سەگەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، يۈرۈشلۈك ئاق تاشلىق كىتابتا سىزىلغان قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەكتە قاتتىق چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختىلىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون سىياسىي - قانۇن كادىرلىرى يۈرۈشلۈك ئاق تاشلىق كىتابنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ياخشى تۇتۇشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق بىرقانچە مەسىلىسىگە دائىر مۇھىم، زور قاراشنى ئىگىلىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىگە ئائىت خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى ئىگىلىشى، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى بارلىق پايدىلىق ئىزدىنىشلەرنى ئىگىلىشى؛ ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسىي - قانۇن سىستېمىسىدا قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتى يارىتىشى؛ سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، سىياسىي - قانۇن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئادا قىلىشى كېرەك.