12- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىدە ھاۋا سوغۇق ئىدى، سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق شامال بەدەنگە نەشتەردەك سانجىلاتتى، بىراق ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى ئىتتىپاق كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ قورۇسى باھاردەك ئىللىپ، شاد- خۇراملىق كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. ئەسلىدە بۇ يەردە ئېشەكلەرنى ھاۋالىلىك بېقىشتىن قىلىنغان پايدىنى بۆلۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى، ئۈستەل ئۈستىگە قويۇلغان 990 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئېشەكلەرنى ھاۋالىلىك بېقىشقا بەرگەن 1042 نەپەر نامرات ئاھالىگە تەييارلانغانىدى.
پايدا بۆلۈپ بېرىلىدىغانلار تىزىملىكىدە ئىسمىنى كۆرگەن 75 ياشلىق نامرات ئاھالە جۈمە تۇردى خۇشاللىقىدىن ئېغىزىنى يۇمالماي قالدى.
2016- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى سۇلۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى باشلامچى كارخانا − ئاقتۇ ناھىيەلىك لاۋلۈتوۋ يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» بازارلاشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئېشەك باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. ھەر بىر دېھقان ئائىلىسى شىركەتنىڭ تەلىپى بويىچە تەخەي باقتى، ئاندىن شىركەت بازار باھاسى بويىچە بىرتۇتاش سېتىۋالدى.
ھازىر، دېھقان ئائىلىلىرى ئېشەك بېقىش ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن تەدرىجىي بەھرىمەن بولۇشقا باشلىدى.
شۇ كۈنى، مۇخبىر 46 ياشلىق نامرات ئاھالە تۇرغۇن داۋۇتنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ ھويلىسىنى تازىلاۋاتاتتى، باقمىچىلىق رايونىدىكى ئىسسىق قوتاندىن قويلار بېشىنى چىقىرىپ قوياتتى. ئۇنىڭ توققۇز مو يېرى بولۇپ، بۇغداي بىلەن شال تېرىغانىدى، يىللىق كىرىمى قورساق بېقىشقا ئاران يېتەتتى. بۇ يىل 8- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۇ نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكىنى تاپشۇرۇۋالدى، بىراق ئېشەك بېقىش تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، ئۇ ئېشىكىنى لاۋلۈتوۋ يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە بېقىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى.
«ھازىر ئېشەك بېقىش ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، يەم- خەشەك تەييارلاش، بوغۇزنى ماسلاشتۇرۇش، يەنە تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە تەلەپ قويۇلىدۇ، ئېشەكنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىشقا ئاپىرىپ بەرسەك، ئېشەكنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر يىلى پايدا بۆلۈپ بېرىلىدىكەن. مەن بۇ يىل 8- ئايدا ئېشىكىمنى ئۇلارغا بېقىپ بېرىشكە ھاۋالە قىلدىم، ھازىر 945 يۈەن پايدىنى تاپشۇرۇۋالدىم» دېدى تۇرغۇن خۇشال بولۇپ.
پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى داۋۇت سىدىق مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «<ئېشەك فېرمىسى> يېڭىدىن قۇرۇلغاندا، كەنتتە بىرەرسىمۇ ئېشەك بېقىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، مەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشلامچى بولۇپ بەردىم. ئېشەك فېرمىسىدىن ئېلىپ كەلگەن تەخەينىڭ ئېغىرلىقى 80 كىلوگىرام كېلەتتى، سەككىز ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئېغىرلىقى 180 كىلوگىرامغا يەتتى، ئېغىرلىقىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن شىركەت نەق مەيداندا ماڭا 4000 يۈەن بەردى، بۇ ماڭا چۈشتەكلا بىلىندى...»
زىيارەت داۋامىدا، نامرات ئاھالە نۇرگۈل ھوشۇرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ يىل 7- ئايدا ئۇ بوغاز مادا ئېشەكنى تاپشۇرۇۋالغان، 10- ئاينىڭ 21 -كۈنى ئېشەك تەخەيلىگەن، «ئېشەك فېرمىسى» ھەر كۈنى ئېشەك سۈتىنى كىلوگىرامىنى 30 يۈەندىن سېتىۋالغان، 12- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۇ تۇنجى ئايلىق 900 يۈەنلىك ئېشەك سۈتى پۇلىنى تاپشۇرۇۋالغان. «ئېشەكنىڭ سۈت بېرىش مەزگىلى ئالتە ئاي، ئېشەك سۈتى سېتىشتىنلا 5400 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ». نۇرگۈل بارماقلىرىنى چىقىرىپ كىرىمىنى ھېسابلاپ بەردى، ئۇنىڭ نامراتلىقتىن تېز قۇتۇلۇش ئىشەنچى ئاشقانىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى سۇلۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجى مۇقىيت دۈسەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، 2017- يىلى، دەسلەپ تەخەيلەرنى بېقىشقا ھاۋالە قىلغان نامرات ئاھالىلەر نەپكە ئېرىشىپ، ئاسانلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان. «ھازىر، ئېشەكنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا، بېقىشقا ھاۋالە قىلىش پايدىسى بىلەن ئېشەك سۈتى سېتىشمۇ دېھقانلارنىڭ بىر قىسىم كىرىمى بولۇپ قالدى» دېدى مۇقىيت.
زىيارەت ئاخىرىدا تۇرغۇن مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئېيتتى: مەن ھويلامدىكى بوش قالغان يەرگە چوڭ ئېغىل سېلىپ، يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپىدىن قەرز ئېلىپ يەنە بەش ئېشەك سېتىۋېلىپ، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىمەن.
ئاقتۇ ناھىيەلىك لاۋلۈتوۋ يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ خۇڭگونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار شەندۇڭ دۇڭئې بەينيەنتاڭ شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئېشەك باقمىچىلىقى بىلەن كۆپەيتىش، ئېشەك تېرىسى، ئېشەك سۈتىنى ۋاكالىتەن سېتىش، ئېشەكچىلىك يېمەك- ئىچمىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي ساھەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بېكىتكەن. «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە نامرات ئاھالىلەرنى باقمىچىلىقتىن تېخىمۇ زور نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، <نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكى>نى <بېيىتىش ئېشىكى>گە ئايلاندۇرىمىز» دېدى ۋۇ خۇڭگو.